دوكتور ئابلەت سەمەت: «ئاتىمىزنىڭ ئۆلۈمى بىزگە دەرد، مىللەتكە مۇسىبەت بولدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.12.01
Mirsultan-Osman-Turkiyede-02.jpeg مەرھۇم تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا. 2015-يىل، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Abduweli Ayup

2017-يىلى بىرىنچى دېكابىر سەھەردە تىلشۇناس، ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمان ۋاپات بولدى. «ئاتىمىزنىڭ ئۆلۈمى بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، مىللەت ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش بولدى. بۇ دۇنيادا بىز يېتىم بولدۇق، مىللەت ئىگىسىز قالدى. بۈگۈن ئاتىمىزنىڭ ئۆلۈمى بىزگە دەرد ۋە ماتەمدار ئۇيغۇر خەلقىگە قوش مۇسىبەت بولدى» دېدى، تېلېفونىمىز مەرھۇمنىڭ كۈيئوغلى دوكتور ئابلەت سەمەتكە ئۇلانغاندا.

بۇ خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى «نۇر تورى» دا تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ھازا سۈرەتلىرى، تەزىيەنامىلەر ۋە ئەسلىمىلەر قاپلىدى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن مەشھۇر شائىر بوغدا ئابدۇللا، شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت، تىلشۇناس غەيرەت ئابدۇراخمان قۇرغار، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئەسەت سۇلايمان قاتارلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

بىز تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسماننىڭ كىشىلىك پەزىلەتلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى ئورنى، مەرھۇم يازغان ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى ھەققىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. سۆھبىتىمىزگە ئامېرىكىدىن شائىر تاھىر ھامۇت، تۈركىيەدىن دوكتور ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت، ئەنگىلىيەدىن ئەدىب ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

1. ئۆزى كىچىك پېئىل، سەمىمىي ئادەم ئىدى

دوكتور ئابدۇلۋاھىت ئەپەندى 2015-يىلى ئۆكتەبىردە ئەنقەرەدە مەرھۇم بىلەن ئۇچراشقان چاغلارنى ئەسلەپ، تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامالنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىۋاتقان بىر زاتنىڭ ئۇ قەدەر كەمتەر ۋە كىچىك پېئىللىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. مەرھۇم يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا خىتاينىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىن كېلىۋاتقان خىرىسلىرىغا پەرۋا قىلماستىن سۆز قىلغانلىقىنى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، مىننەتدارلىق دېگەندەك يادقا ئايلانغان ئىبارە ئىشلەتمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

2. ئۇيغۇرلاردا يېڭى ئەۋلاد زىيالىيلاردىن بىرى

شائىر تاھىر ھامۇت ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بويىچە ئوقۇۋاتقاندا مەرھۇمنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، مەرھۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان باشلامچىلارنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مىرسۇلتان ئوسمان ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى مائارىپ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ئەۋلاد زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ يەنە مەرھۇمنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا تەتقىق قىلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قولىغا قايتىپ كېلىشىدە رولىنىڭ گەۋدىلىك بولغانلىقىنى شۇنداقلا تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارادىكى كەسىپداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

3. يول ئاچقان ۋە يول باشلىغان ئالىم

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تەتقىقات ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى «مەرىپەت مەشئىلى» دەپ ئاتىدى. ئۇ مەرھۇمنىڭ 65 يىللىق ئىزدىنىش مۇساپىسىدە ئۇيغۇر دىئالېكت تەتقىقاتى، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى ساھەسىدە يول ئاچقۇچىلاردىن بولغانلىقىنى، شاگىرت يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە چەتئەللەردە بىر ئەۋلاد كۈچلۈك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

4. ئەمەلىي جاۋاب ئانا تىلنى ئۆگىنىش ۋە قوغداشتۇر

ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ خوتەن، قۇمۇل، لوپنۇر شېۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بېيىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىكەن. ئۇ مەرھۇمنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» دېگەن كىتابىنى يېنىدىن ئايرىماي كەلگەن بولۇپ يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ھاياتىدا دائىم پايدىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئۇ مەرھۇمنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىقاتىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئانا تىلنى قوغداشنى ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا ھەقىقىي ئېچىنغانلىق ۋە ماتەم بىلدۈرگەنلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدىكەن. شائىر تاھىر ھامۇتمۇ ئۇيغۇر تىلى يوقىتىلىش خىرىسىغا دۇچ كەلگەن پەيتتە ئالىمنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تەخىرسىز بۇرۇچ دەپ ھىساپلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.