ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار: «ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى خالايمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-09-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
1965-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار. 1965-يىل، تۈركىيە قەيسەرى.
1965-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار. 1965-يىل، تۈركىيە قەيسەرى.
RFA/Qutlan

1960-يىللاردا غۇلجا ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق كۆچۈش ھېسابلىنىدۇ.

شۇ قېتىم ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى قەشقەر، يەكەن ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىن ھىجرەت قىلغانلار ئىكەن. ئافغانىستاندىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى بىرئاز بىلسىمۇ، ئەمما ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتكەن.

بۈگۈن ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئانا تىلى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ياردەم كەتمەكتە.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن 1944-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان مەھمەت ئىمىن ئەپەندى، كابۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان شىرمەمەت نىياز ئەپەندى، غۇلجىدا تۇغۇلۇپ كابۇل شەھىرىدە چوڭ بولغان رابىيە خانىم، شېرىن خانىم ۋە خەمىت ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇلار ئافغانىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىغا مەدەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەمتىمىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1944-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغانلىقىنى، 1961-يىلىدا ئافغانىستانغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. شىرمەمەت ئەپەندى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدە 57 ئۇيغۇر ئائىلىسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىشسىز ئىكەنلىكىنى، دۆلەت كادىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇمكى، دەسلەپكى يىللاردا يۇرتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇراتتى. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەگە كۆپلەپ ئۇيغۇرلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە ئىسلام دىنىنى ئۆگەتمەكتە. ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش ئۈچۈن تەمشەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان. شىرمەمەت نىياز ئەپەندى ئەگەر ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئېچىپ يېڭى ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتمىسە ئافغانىستاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1961-يىلى غۇلجىنىڭ سۈيدۇڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، بىر ئاي بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن رابىيە خانىم ئافغانىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 40-50 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قېيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ھازىرمۇ بۇ قېيىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەكلىكىنى بايان بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئافغانىستان ئۇيغۇرلىرى قاچان، نېمە سەۋەب بىلەن ئافغانىستانغا چىققان؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى، 1960-يىللاردا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندىن كېيىن ئافغانىستان بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئافغانىستانلىق ياكى ئافغانىستاندا ئۇرۇغ-تۇققىنى بار كىشىلەرنىڭ ئافغانىستانغا كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى، 1959-1960-1961-يىللىرىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ ئافغانىستانغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

1960-يىللاردا ئافغانىستانغا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئافغانىستانغا كەلگەندىن كېيىن قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇپ، 1964-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئۇيغۇرلار جەمئىي 135 ئائىلە بولۇپ، ھازىر قەيسەرىنىڭ ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىدە تۇرماقتا. 2014-2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە جايلاشتۇرۇلغان 100 ئائىلە ئۇيغۇرنى قوشقاندا، ھازىر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت