ئۇيغۇر ژۇرنالىست «ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى» غا قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-03-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مىركامىل قەشقەرلى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرى قازان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك ئەپەندىگە كىتاب سوۋغا قىلغان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى مارت.
مىركامىل قەشقەرلى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرى قازان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك ئەپەندىگە كىتاب سوۋغا قىلغان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى مارت.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرى قازان رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «2-نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى» غا ئۇيغۇرلاردىن، ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتچىسى، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ۋە 10 ياشلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ماھىرى مۈجاھىت قەشقەرلى قاتناشتى شۇنىڭدەك پائالىيەتتە مۈجاھىت قەشقەرلى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.

مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قازان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى جېمىل چېچەك ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتى باش كاتىپى ئىرفان نەزىروغلۇ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ۋە مەتبۇئات خادىملىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىش 3-ئاينىڭ 19-كۈنى قازان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قازان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى لوقمان ئۆزتۈرك ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم خۇش كېلىپسىلەر، بۈگۈن 2-نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇزۇندىن بېرى ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان، ھەر خىل خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىۋاتقان كىشىلەر بۇ يەردە جەم بولدۇق. بىز بۇ يىللىق ئۇچرىشىشىمىزدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزئارا ماسلىشىش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرىمىز.»

ئارقىدىن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم سىياسەتچى جېمىل چېچەك ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى، قىممەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ۋە ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ مەنىلىك ئۇچرىشىشنى ئۇيۇشتۇرغان ھۆكۈمەت باشلىقىغا، بۇ پائالىيەتكە ئەمگەك سىڭدۈرگەن كىشىلەرگە ۋە يىغىن ئەھلىگە رەھمەت ئېيتىمەن. تېخنولوگىيە تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىش مۇھىم. شۇڭا بۇ خىل ئۇچرىشىشلار مۇھىم، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىنىڭ بۇ يىغىندا ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇچرىشىش ئاخىرىدا بۇ ھەقتە كونكرېت قارار چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتنىڭ 1-نۆۋەتلىكىگىمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى، بۇ يىلقى ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشىمايدىغان تەرىپىنىڭ بۇ يىل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىنىڭ تەشكىللىنىپ گۇرۇپپا قۇرۇپ، گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئارىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

قازان رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە كەلگەنلەر ئارىسىدا مەتبۇئات خادىملىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. ئۇششاق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىئو تېلېۋىزىيە كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئوسمان بىلگىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىككى ئۇيغۇر دوستۇم بار ئىدى. ئۇلار بىلەن ياخشى سەمىمىي دوست بولدۇق. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تېخىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەن، ئۇلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ئادەم يىغلاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەن. ئەمما بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پۇتبول بار، تەنتەربىيە بار، ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يوق، بۇنى ئىزچىل ھالدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىشىمىز كېرەك».

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئەڭ ئاكتىپ ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 10 ئەتراپىدا خەۋەر تارقىتىدىكەن. ئۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشكىللىنىپ، ئۆز دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا ئۆز تەجرىبىلىرىنى ۋە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۆگەنگەنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىشقىمۇ تىرىشقانلىقىنى، پائالىيەتكە قاتناشقان رەھبەرلەرگە كىتاب سوۋغات قىلىپ، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى توغرىسىدا ئىلتىماسمۇ سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى 2016-يىلى قازان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى ئەنقەرەدىن 65 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قازان رايونىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ ئۇچرىشىش كېيىنچە خەلقئارا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت