تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتى نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2017-03-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 19-مارت.
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 19-مارت.
RFA/Gulshen

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى 19-مارت كەچتە تورونتو شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىم تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئالىم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرىنى كانادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىنغان ئىدى.

شۇ كۈنكى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى خەتمە قۇرئان بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئالەم ۋە سامان يولى سىستېمىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى، چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلدۇرغان كىتابلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

شۇ كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان نورۇز پائالىيىتى جەريانىدا، جامائەتكە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى بولغان نورۇز ئېشى تارقىتىلدى. شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىندى. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى ھېسابلانغان تۇخۇم سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندا، «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ رەئىسى ھاجى مامۇت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىم ‏- پەن ساھەسىگە قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن تەقدىرنامە بەردى.

شۇ كۈنى كەچتىكى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق قاتارلىق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن سېتىۋېلىنغان ئۇيغۇر مەسچىتى ۋە بۇ مەسچىتتە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى، تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە جاپا مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئۇيغۇر جامائىتى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مۇشۇنداق بىر ئورۇننى سېتىۋالغانلىقىغا ۋە ئانا تىل سىنىپى ئېچىپ، تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. زىيارەت جەريانىدا، ئالىم ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان كىچىك دوستلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇلارغا ھەدىيەلەر تارقاتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر تەييارلىغان بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت