ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىلى سۇلارى» ناملىق شېئىرى ۋە ماناس دەرياسى بويىدىكى تارىخىي مىللىي تراگېدىيە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
شائىر ۋە يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر. 1948-يىلى (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
شائىر ۋە يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر. 1948-يىلى (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Qutlan

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئائىلە ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان خەت-چەكلەر، قوليازمىلار ۋە ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلىرى ئىچىدە «ئىلى سۇلارى» ناملىق بىر شېئىر ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.

1949-يىلىنىڭ يانۋار ئايلىرىدا يېزىلىپ ھازىرغىچە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان بۇ شېئىر مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن 68 يىل ئىلگىرى، يەنى 20-ئەسىر تارىخىنىڭ ھەل قىلغۇچ دەقىقىلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكى ھەققىدىكى ئازابلىق سوئاللىرىغا بېغىشلانغان.

ئىلى سۇلارى تاش يەنە، بىراق -
ماناس كۆۋرۈكى بولمىغاي توساق،
يەتمىسە ئەمدى بۇ ئاچچىق ساۋاق،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار!

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاۋاز ئارتىسى قاراخاننىڭ دېكلاماتسىيەسىدىكى بۇ مىسرالار مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىلى سۇلارى» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۇپلېتىدۇر.

«ئىلى سۇلارى» ناملىق بۇ شېئىرنىڭ يېزىلغان دەۋرى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالغان ياپونىيە كيۇ-شىيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مۇختەر ئابدۇراھمان مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ شېئىرى مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە تۆت يىللاپ تۇرۇپ قالغان بىر پەۋقۇلئاددە دەۋردە يېزىلغان. ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، خەلق تولۇق ئازادلىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان بىر زاماندا مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشى مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، ئاۋام خەلقنى قاتتىق ئۆكۈندۈرگەن ئىدى. بۇ شېئىردا خەلقىمىزنىڭ ئەنە ئاشۇ ئۆكۈنۈشلىرى ۋە سوئاللىرى ئاجايىپ مىسرالارنىڭ پاساھىتى بىلەن ئىپادە قىلىنغان.»

ئۆتكۈر ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بۇ يىل 22 يىل بولدى، ئەمما ئۇنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرىي مىسرالىرى بىلەن مىللەت روھىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بەدىئىي ئەسەرلىرى يىللار ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ زور قىممەتكە ۋە سۆيۈپ ئوقۇلۇشقا مۇيەسسەر بولماقتا.

ھۈليا خانىم 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى چەتئەللىك تەتقىقاتچى. نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى بويىچە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھۈليا قاسساپئوغلى ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت يولى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

پروفېسسور ھۈليا خانىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ دەسلەپكى شېئىرىي ئىجادىيەت پەللىسىنىڭ 1940-يىللاردا يارىتىلغانلىقىنى، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئېغىرلاشقان يىللاردا، يەنى 1950-يىللاردىن تاكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە شائىرنىڭ دەۋر شاماللىرىغا ئەگەشمەستىن بەدىئىي ئىجادىيەتتە سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ھۈليا خانىم يەنە، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىنىڭ ھۈررىيەت ۋە ۋەتەن تېمىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر ئەپەندى بىر مىللىي شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەتلىرىدىكى ئىلھام مەنبەسىنى خەلقىنىڭ ئۈمىدلىرىدىن، ھاياجانلىرىدىن ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ئالغان، دەپ قارايدۇ.

دوكتور مۇختەر ئابدۇراھمان «ئىلى سۇلارى» ناملىق بۇ شېئىر ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزگىنىدە، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىردا سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كۈچلۈك چاقىرىق تۈسىگە ئىگە رىتورىك خىتابلار ئارقىلىق تارىخنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى چاغدىكى مىللىي تراگېدىيە ئېڭىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھۈليا خانىممۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1940-يىللاردىكى شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدە سىمۋوللۇق، لىرىكىلىق ۋە دىراماتىك بەدىئىي ئىپادىلەرنىڭ ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختاشقا مەجبۇر بولغان ئاشۇ 4 يىللىق ھەل قىلغۇچ تارىخىي جەرياندا، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز كېلەچىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدى؟ ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ ئۆكۈنۈشلۈك يىللارغا قانداق ئىنكاسلاردا بولدى؟ دوكتور مۇختەر ئابدۇراھمان، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىلى سۇلارى» ناملىق بۇ شېئىرى دەل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاشۇ تارىخىي باسقۇچتىكى سوئاللىرى، ئۆكۈنۈشلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە سىياسىي غايىسىنىڭ يارقىن ئىپادىسى، دەپ قارايدۇ.

پروفېسسور ھۈليا خانىم ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «ئۆتكۈر ئەپەندى نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇلمايدۇ؟ ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇلمايدىكى، ئۆتكۈر خەلقنىڭ شائىرى. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلگەن بىر مىللىي شائىر. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈمىدلىرىنى، غايىسىنى، ھاياجىنىنى، ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلگەن شائىر. بۇنداق شائىر قانداقمۇ ئۇنتۇلسۇن؟ ئۇ شۇ قەدەر بەرىكەتلىك بىر شائىركى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىدە يۈزلىگەن شائىرلار تۇغۇلدى.»

ئاڭلارمەن دوستلار!

ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىلى سۇلارى» ناملىق بۇ شېئىرىنىڭ تولۇق تېكىستى ئۇيغۇر ئاۋاز ئارتىسلىرىدىن قاراخان ئەپەندىنىڭ دېكلاماتسىيەسىدە دىققىتىڭلارغا سۇنۇلدى:

چۈشسە يادىمغا ئىلى سۇلارى،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.
يەتسە قۇلاققا ئاھۇ-مۇڭلىرى،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

قېنى ئۇ سېنىڭ ئازاد يەرلىرىڭ،
خان لەيلۇن ئېيتقان مەغرۇر ئەرلىرىڭ؟
قۇمغا سىڭدىمۇ قانۇ-تەرلىرىڭ،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

قېنى كوچاڭدىن تولغۇنۇپ ئاخشام -
ئۆتكەندە ئېيتقان ئەۋرىشىم ناخشام؟
شۇنى ئەسلىسەم ھەر بىر سەھەر-شام،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

قېنى رىزۋانگۈل كۆكسىدىن ئاققان،
قاشنىڭ سۈيىدەك شوخ، پاكىزە قان؟
قېنى شۇ قانلار، جەڭگىۋار داستان،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

مالخاي قىرلىغان يىگىتلەر قېنى؛
قېنى ئالقىشقا كۆمۈلگەن غېنى؟
شۇمىدى ئەلنىڭ چاڭقاپ كۈتكىنى،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

قېرىپ قاپتىمۇ غېنىكام باتۇر،
ھېلىتىنلا-ھە، شۇنچىلىك بالدۇر؟
ھېي سابا تېزرەك بىر خەبەر كەلتۈر،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

تىنىمسىز سايرام چايقالمامدىكىن،
تەلكىدىن تۇمان تارقالمامدىكىن،
نىلقا ئاتلىرى چاپالمامدىكىن؟
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

نىلقا ئېتىغا يوقمىكىن تاقا،
مەيلىمۇ شۇنچە يىرتىلسا ياقا؟
زۇمرەت كۆلۈمنى بۇلغىدى پاقا،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

ئاتلار دۇكۇرى، مىلتىق ئاۋازى،
ئەستىن چىقتىمۇ بۈركۈت پەرۋازى،
يوقمۇ شېھىتقا دەۋاگەر غازى؟
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

ئىلى سۇلارى دولقۇنلىرىڭنى،
خويمۇ سېغىندىم ئۇپقۇنلىرىڭنى،
قاچان ئاڭلارمەن شوخ ئۈنلىرىڭنى،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار.

ئىلى سۇلارى تاش يەنە، بىراق -
ماناس كۆۋرۈكى بولمىغاي توساق،
يەتمىسە ئەمدى بۇ ئاچچىق ساۋاق،
كۆز ياشلىرىمدىن قاينار بۇلاقلار!

1949-يىل يانۋار، ئۈرۈمچى

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت