پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-07-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئېلليوت سپېرلىڭ ئىندىيانا شىتاتىنىڭ بلومىڭتون شەھرىدىكى «تىبەت مەدەنىيەت مەركىزى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىللە. 2006-يىلى 26-سېنتەبىر
ئېلليوت سپېرلىڭ ئىندىيانا شىتاتىنىڭ بلومىڭتون شەھرىدىكى «تىبەت مەدەنىيەت مەركىزى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىللە. 2006-يىلى 26-سېنتەبىر
RFA/Aziz

«‹شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىرقىسمى› دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوق!»

ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلغان تىبەتشۇناس پروفېسسورى ئېلليوت سپېرلىڭ ھايات ۋاقتىدا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى تاڭ دەنخۇڭ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يېقىندا تاڭ دەنخۇڭ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەمدە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. 

بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى، خىتاي يازغۇچىسى تاڭ دەنخۇڭ خانىم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى يېزىقچىلىق پىلانى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ياۋرو-ئاسىيا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، خەلقئاراغا تونۇلغان تىبەتشۇناس ئالىم ئېلليوت سپېرلىڭ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتتە بولغان ھەمدە سۆھبەتتىن سىن خاتىرىسى قالدۇرغان. ئۇ يېقىندا مەرھۇم ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆزى سىنغا ئالغان سۆھبەت خاتىرىسىنى بىزگە تەقدىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقان، ئەمما مەتبۇئاتلاردا كۆزگە چېلىقمايدىغان بەزى بايانلىرى بىزگە ئايان بولدى.
ئۇلارنىڭ سۆھبىتى تەبىئىي يوسۇندا تىبەت رايونىغا دائىر مەسىلىلەردىن باشلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىمۇ تېگىشلىك ئورۇن ئالغان. بۇ جەرياندا تاڭ دەنخۇڭ سورىغان سوئاللارنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئىزچىل تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن بايانات ھەققىدە ئۇنىڭ قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى بولغان. 

پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان قەدىمكى زامانلارغا خاس «تارىخىي پاكىت» لارنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىل يوسۇندا مەسىلىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، بۇ تارىخ بەكمۇ زور دەرىجىدە بۇرمىلىنىپ كەتتى. قانداق دېسىڭىز، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھە دېسىلا ‹شىنجاڭدىن خەن خانىدانلىقى زامانىسىغا مەنسۇپ پالانى بۇيۇم تېپىلدى. دېمەك شىنجاڭ بىزگە مەنسۇپ بولغان› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. سىز يىپەك يولىنى بويلاپ ھەر بىر كىلومېتىر يەرنى قازسىڭىز، بىرەر نەرسە چىقماي قالمايدۇ. يەنە مىسال ئالساق، رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىن خىتاينىڭ تەڭگە پۇللىرى كۆپلەپ تېپىلغان. ئاشۇ مەنتەقە بويىچە بولغاندا رىم ئىمپېرىيىسى ياكى ياۋروپا خىتايغا تەۋە بولامدۇ؟ بۇنداق گەپلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى گەپلىرى ھازىر ئۇلارنىڭ تىنچ ئوكياندا دېڭىز تېررىتورىيىسى ھەققىدە غوۋغا قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئوخشاشلا بىر ئىش. شىنجاڭ ھەققىدە دەۋاتقانلىرى بولسا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە مەجنۇنلارچە گەپلەردۇر. شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى تارىخىنىڭ ئۆزىگىلا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار مەركىزىي ئاسىيا رايونى بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىمۇ مۇشۇنداق. دېمەك، بۇ ساھەلەرنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى بەش قولدەك ئاشكارا بولىدۇ. قارايدىغان بولسىڭىز، مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقلەر ئۆتكەن ئەسىرلەردە چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ، كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگەن. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلار بۇ تېررىتورىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا ئەمەس. خۇددى شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ تارىخى بەكمۇ مۇرەككەپ. شۇڭا ئاددىيلا قىلىپ، ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ خىتايدىكى خەرىتەشۇناس تەن چىشياڭنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى. تارىخ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ ھازىر ئېيتىۋاتقانلىرىمىز 22-ئەسىرگە بارغاندا باشقىچە بولۇپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن.»

بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىنىڭ داۋامىدا پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ 1271-يىلى قۇرۇلغان يۈەن سۇلالىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدا ھەرقاچان «تارىخىي ماتېرىيال» سۈپىتىدە سۇيىئىستېمال قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋال ئۇيغۇرلارغا دائىر تەشۋىقاتلاردىمۇ بار بولۇپ، خىتاي تارىخشۇناسلىرى بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك مىسال قىلىپ ئىشلىتىدىغىنى، تۇرپاندىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بارچۇق ئارت تېكىندۇر. بۇ كىشى 1211-يىلى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغاندا چىڭگىزخان ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كەنجى قىزىنى ياتلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى «بەشىنچى ئوغلۇم» دەپ ئاتىغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا چىڭگىزخان بەرپا قىلغان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلانغانلىقى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ خىتاينىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىدى» دەيدىغان بايانلىرىنىڭ «تارىخىي ئاساسى» بولۇپ قالغان. 

پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «يۈەن سۇلالىسى» ۋە «خىتاي دۆلىتى» دېگەن ئاتالغۇلارنى تەڭلەشتۈرىۋېلىشنىڭ ئىنتايىن بىمەنىلىك بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، سوڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان خىتاينى بويسۇندۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى قىلىۋالغان موڭغۇل دۆلىتىنى «خىتاي دۆلىتى» دەۋېلىش لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن موڭغۇللار بويسۇندۇرغان جايلارنى «خىتاي بويسۇندۇرغان جاي» دېيىش ئوخشاشلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بار، مەن بۇ يەردە ئۇلارنى (يەنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى) ئىستېلاچى ئىمپېرىيىلەر دەپ قارايمەن. غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقانداق بىر تەتقىقاتچى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ياخشى بىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ مەسىلىگە مۇشۇنداق قارايدۇ. يەنى نېمە دېسىڭىز، بىز دەۋاتقان موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ھەرقاچان چەتئەللەردىكى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىدۇ. ھالبۇكى ‹مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى› بىلەن ‹خىتاي› باشقا-باشقا ئۇقۇم. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى خىتاي دۆلىتىنى بويسۇندۇرغان، بۇنىڭ بىلەن خىتاي دۆلىتى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. بۇ ھال خۇددى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى زامانىسىدا تىبەت رايونى ھەمدە خىتاي دۆلىتى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلانغاندەكلا بىر ئىش. خىتايدىكى خىتاي تارىخشۇناسلىرىدىن ‹تىبەت قاچان خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان؟› دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار دەرھاللا ‹تىبەت 13-ئەسىردە يۈەن سۇلالىسى تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان› دەيدۇ. ‹يۈەن سۇلالىسىنىڭ قايسى مەزگىلىدە شۇنداق بولغان؟› دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار ھەرخىل جاۋاب بېرىدۇ. چۈنكى، ‹تىبەتنىڭ 13-ئەسىردە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقى› ھەققىدە بىز ھېچقانداق يازما ھۆججەت ياكى ئىمپېراتورنىڭ مۇشۇنداق بىرەر يارلىقىنى تاپالمايمىز. تىبەت شۇ ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتىگە ئەمەس، بەلكى موڭغۇللارغا مەنسۇپ بولغان. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. تىبەتچە ۋەسىقىلەردە بۇ ھەقتە يېتەرلىك ئىسپات بار. ئەجەبا بۇ، تىبەتنىڭ خىتاي دۆلىتىگە تەۋە بولغانلىقىمۇ؟ ئۇلار قاچان تىبەتنى خىتاي كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ قىلىپتىكەن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پۈتۈنلەي ئاقماس گەپلەر. » 

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقانداق تەشۋىقاتتا تارىخ تېمىسىدا سۆز بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ھالدا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن ھۆكۈمنى دەستەك قىلىدىكەن. ھالبۇكى، تارىخشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مۇلاھىزىلىرىدە بولسا بۇنىڭغا باشقىچە بولغان قاراشنى ئالغا سۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت