قازاقىستان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقىلەر كۈچەيمەكتە

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.04.28
Qazaq-amerika edebiy alaqiliri kitabining muqawisi قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان «قازاق-ئامېرىكا ئەدەبىي ئالاقىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
Photo: RFA

قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىي ئالاقىلىرى ھەر ساھەلەردە راۋاجلىنىشقا باشلىدى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىمۇ ئۆزىنىڭ ماۋزۇسى، ژانىرى، تىل ئۇسلۇبلىرى، شۇنداقلا دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن باغلىنىشلىرى جەھەتتىن يېڭى يۆنىلىشلەردە كۆرۈندى. كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقىلەرمۇ كۈچەيمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، 2000-يىللاردىن كېيىن كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەريانلىرى ھەققىدە ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرى كەڭ قانات يېيىپ، بۇ جەھەتتە بىر قاتار ئەمگەكلەر يورۇق كۆرگەن ئىدى. ئەنە شۇ يۆنىلىشتە ئالاھىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان ئىلمىي دەرگاھلارنىڭ بىرى قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىدۇر.

ئۆتكەن يىللىرى ئىنستىتۇت خادىملىرى تەرىپىدىن قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا «قازاقىستان خەلقى ئەدەبىياتى»، «قازاقىستان خەلقىنىڭ زامانىۋى ئەدەبىياتى»، «ھازىرقى ئەدەبىياتتىكى ئومۇمى ئىنسانىي قەدرىيەتلەر» ناملىق كوللېكتىپلىق مونوگرافىيەلەر نەشر قىلىنىپ، ئۇلاردا باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەزكۇر ئىنستىتۇت ئالىملىرى قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ يىراق چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئەدەبىي باغلىنىشلىرىغا بېغىشلانغان ئىلمىي لايىھىلەر بويىچە تەتقىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ، نەتىجىدە «21-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىيات جەريانى»، «قازاق-ئامېرىكا ئەدەبىي ئالاقىلىرى: ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى» ۋە «ئاباي قونانباي ئىجادىيىتى چەتئەل قارىشىدا» ناملىق كىتابلارنى نەشر قىلدى.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنستىتۇت خادىملىرى قازاقىستان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەدەبىياتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرگە، بولۇپمۇ ھەر خىل تىللىق ئەدەبىياتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يېقىنلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان تەرجىمە ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. مۇشۇ يىلى ئىنستىتۇت كوللېكتىپى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قازاق-ئامېرىكا ئەدەبىي ئالاقىلىرى: ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى» ناملىق مونوگرافىيە شۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر.

ئالىمجان ھەمرايېف قازاق ئەدەبىياتى مەجمۇئەلىرىنىڭ رۇس، كورېيە، ئىنگلىز، گېرمان تىللىرىدا، قازاق كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە زامانىۋى شائىرلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ ئامېرىكا، رۇمىنىيە، گېرمانىيە، كورېيە، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، تۈركىيەگە ئوخشاش مەملىكەتلەردە نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئارىسىدا قازاقىستان ۋە ئا ق ش ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقىلەرگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «قازاق-ئامېرىكا ئەدەبىي ئالاقىلىرى: ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى» ناملىق ئەمگەك ئىنستىتۇت تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «يېقىنقى دەۋرنىڭ قازاق-ئامېرىكا ئەدەبىي ئالاقىلىرى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي لايىھىسى ئاساسىدا يورۇق كۆرگەن. ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى ۋەلىخان قالىجاننىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان بۇ ئەمگەكتە بۈگۈنكى ئەدەبىي جەرياننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىككى ئەدەبىيات ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرى يورۇتۇلغان. تەتقىقات سېلىشتۇرما تەھلىل ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

ئالىمجان ھەمرايېف ئا ق ش ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ قويۇق تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا ئەدەبىي ئالاقىلەرنىڭمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئەلۋەتتە، مۇستەقىللىقىنىڭ مېۋىسى. بۇ يېڭى دەۋر ئۆزىنىڭ يېڭى مەزمۇنى، يېڭى شەكلى بىلەن كۆرۈنۈش تاپتى. بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ئالاقىسى كۈچەيدى. ئامېرىكىدا دەسلەپكى قېتىم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدەبىياتى رەسمىي ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تونۇشتۇرۇلدى. بۇ لايىھە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئىككىنچى مەجمۇئە نەشر قىلىنىپ، ئامېرىكىدا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ جەرياندا قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىندى. بىزنىڭ ئىنستىتۇتنىڭ رەھبەرلىرى رەسمىي ئامېرىكىغا بېرىپ، تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ كەلدى.»

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىمۇ ئۆز ئەسەرلىرىنى گېرمان، فىرانسۇز، تۈرك، ئىنگلىز ۋە باشقىمۇ تىللارغا تەرجىمە قىلىشقا چوڭ ئەھمىيەت بېرىشقا باشلىغان.

ئۆز ۋاقتىدا زىيا سەمىدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، تۇرغان توختەموف، ئىلىيا بەختىيا ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن رۇس، قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسا، ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن ئەخمەتجان ھاشىرى، گۈلبەھرەم خوشايېۋا، پاتىگۈل مەقسەتوۋا، دۈرنەم مەشۈروۋا قاتارلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى رۇس، قازاق، تۈرك، ئىنگلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا.

ئۇ، تەرجىمە ئىجادىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جانلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى تەرجىمىلىرىگە ئائىت چوڭ تەتقىقاتىم ئېلان قىلىندى. كۆپلىگەن ئالىملار قاتارىدا مېنىڭمۇ ئەمگىكىم شۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ ئۆز ئىش-پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇشى كېرەك. ياخشى، تالانتلىق شائىر-يازغۇچىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. ھەممە ئىش ئۆزىمىزگە باغلىق.»

ئالىمجان ھەمرايېف شۇنداقلا تەرجىمە ئىشلىرىغا دۆلەت تەرىپىدىن ئاجرىتىلىۋاتقان خىراجەتنىڭ ھەم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان غەمخورلۇقنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ھەر قانداق بىر يازغۇچىنى، ئالىمنى رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىپ كېتىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابىلايخان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دىلفۇزا روزىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» ناملىق ماقالىسىگە مۇۋاپىق كلاسسىك يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش بۈگۈنكى كۈندە شەكىللەنگەن دۇنيا ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىشتا، خەلقلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇشتا، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىماق.

ئۇ، قازاقىستاندا بەدىئىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئاستا تەرەققىي ئېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز تەجرىبەمدە 2013-يىلى ئىلمىي رەھبىرىم، يەنى جەنۇبىي كارولىنا شتاتى كوئاستال كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاننا ئولدفىئېلد بىلەن ئىلىيا بەختىيا ئىجادىيىتى ھەققىدە چوڭ ماقالە يازغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ بىر-ئىككى شېئىرىنى تەرجىمە قىلىپ كۆردۇق. بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىز ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. شۇ رەھبىرىمنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىشى بار ئىكەن، ئون ياخشى كلاسسىك ھېكايىنى ئۆزبېك تىلىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى ئامېرىكىدا نەشردىن چىقارغان. ئەمدى ئۇ، ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنىمۇ شۇنداق قىلساق، دېگەن تەكلىپنى بەرگەن ئىدى. ئامما بۇ ئىش تېخى روياپقا چىقمىدى. كېلەچەكتە ھەل بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۈگۈنكى كۈندە بىزدە چەتئەل تىلى، شۇنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.»

دىلفۇزا روزىيېۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ئىنگلىز تىلى قازاقىستاندىكى بارلىق مەكتەپلەردە نۆلىنچى سىنىپتىن باشلاپ بېرىلسە، ياشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ ئۆسىدۇ ھەم كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كلاسسىك ھەم زامانىۋى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغۇچىلارمۇ كۆپىيىدۇ.

ئۇ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىنگلىز فىلولوگىيىسى بۆلۈمىدىمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بويىچە كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى، كېلەچەكتىمۇ بۇنىڭغا يەنىمۇ چوڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.