تونۇلغان ۋېنگىرىيەلىك ئانتروپولوگ ئالىم ئالماتادىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنى زىيارەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.11.29
andrash-jolt-biro-1.jpg تونۇلغان ۋېنگىرىيەلىك ئانتروپولوگ ئالىم، «ماديار-تۇران» فوندىنىڭ رەئىسى ئاندراش جولت بىرو ئەپەندى ئۆسمۈرلەر بىلەن. 2016-يىلى 26-نويابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

26-نويابىردا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە تونۇلغان ۋېنگىرىيەلىك ئانتروپولوگ ئالىم، «ماديار-تۇران» فوندىنىڭ رەئىسى ئاندراش جولت بىرو بىلەن ئۇچرىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مېھماننى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىدە، ناغرا-كارناي ۋە شوخ ئۇسسۇللار بىلەن داغدۇغىلىق قارشى ئالدى. مەزكۇر ئۇچرىشىشقا زىيالىيلار، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ھەم ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ئۇستازلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقىلار قاتناشتى.

مەلۇمكى، ئاندراش بىرو قەدىمىي خازار قاغانلىقى تېررىتورىيىسىدىكى ۋېنگر ھەم قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۆچۈپ-قونۇش جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىمدۇر. ئۇ ئۆتكەن يىلى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ۋېكتور ئوربان يولباشچىلىقىدىكى چوڭ ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەركىبىدە قازاقىستاندا بولغان ئىدى.

ئۇچرىشىش «باھار» ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ قوللىشىدا «قازاقىستان» ناخشىسى بىلەن باشلاندى. مۇراسىم رىياسەتچىلىرى مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئاندراش بىرونىڭ تەشەببۇسى ۋە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى بىلەن دەسلەپكى خەلق ئارا ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيىنىڭ غەربىي قازاقىستان ۋىلايىتىدە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ قېرىنداش تۈرك خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەشنى، تارىخىنى ئۆگىنىشنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ يۆنىلىشتە چوڭ ئىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىندى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئاندراش بىرو ھونلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، ۋېنگر خەلقى ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق ئالاقىلىرى ھەققىدە لېكسىيە ئوقۇدى. مۇراسىم داۋامىدا «يىپەك» شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋاققاس مەمەدىنوف، گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئالىم تەتقىقاتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا زور ئۇتۇقلار تىلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «يىپەك» شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋاققاس مەمەدىنوف ئاندراش بىرونى سەككىز يىلدىن بۇيان ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيىنىڭ بىر نەچچە يىغىنلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ قۇرۇلتايلارغا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئەللىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيىتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ تەرغىب قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ ئون يىلنىڭ ئىچىدە ياۋروپادا ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى كۆپ تونۇپ كەتتى. بۇنىڭغا بىرىنچى يول ئېچىپ بەرگەن، مېنىڭچە، مۇشۇ ئاندراش بىرو. بىز ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرىمىز. بۈگۈن مانا ئۇ مەكتەپكە بېرىپ، ياشلار بىلەن كۆرۈشسەم، تۇغقانچىلىقىمىزنىڭ قانچىلىك يېقىنلىقىنى بىلدۈرۈپ كەتسەم دەپ، ۋاقىت تېپىپ كەلگىنىگە رەھمەت. ھازىر ئىنتېرنېتتا ئۇيغۇرلار قانداق مىللەت دەپ ياۋروپادىكى خەلقلەر بىزنىڭ تارىخىمىزنى، ھازىرقى مەسىلىلىرىمىزنى ياخشى بىلىپ، بىزگە قارىتا كۆزقارىشى باشقا بولۇۋاتىدۇ».

ۋاققاس مەمەدىنوف شۇنداقلا ۋېنگىرىيە دۆلەت رەھبەرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇچرىشىش داۋامىدا ئاندراش بىرو شۇنداقلا گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشى، مۇئەللىملەرنىڭ ئىش-پائالىيىتى، گىمنازىيە تارىخى بىلەن يېقىندىن تونۇشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقىنى، ئاندراش بىرو ئەپەندى يۈرگۈزۈۋاتقان تەتقىقاتلارنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا تۇغقان باشقىمۇ خەلقلەر ئۈچۈن كېلەچىكىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئاندراش ئەپەندى ئۆزىنىڭ نۇتقىدا ئۇيغۇر ۋە ماجار خەلقى ئارىسىدىكى تارىخىي، گېنېتىكىلىق ۋە مەدەنىي بىرلىكنى ئىلمىي ۋە ئادەتتىكى تىلدا ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. سەۋەبى مۇنداق ئالىملار كەلسە، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كۆپلىگەن ئوي-پىكىرنى قوزغىتىپ، ئۇلارنى تەتقىقات ئىشلىرىنى ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ».

ش. نادىروف ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئاندراش بىرونىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىك، ئىلمىي، مەدەنىي تەشكىلاتلىرى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەر خىل فوندلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇچرىشىش داۋامىدا قەدىمىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەم-پاراسىتى بىلەن چەكسىز مول ۋە پارلاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياراتقانلىقى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپىسىنى قوشقانلىقى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ناتىقلار ئۇيغۇرلار ئالدىدا «مىڭ ئۆي» يادىكارلىقى، تام رەسىملىرى يادىكارلىقلىرى، گىلەم توقۇش مەدەنىيىتى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىباھا يادىكارلىقلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چوڭقۇر ۋە ھەرتەرەپلىمە ئۆگىنىش ئوخشاش چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىش داۋامىدا گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلىپ، ئۇلاردىكى شېئىر، ئۇسسۇل، ناخشا ۋە سازلار ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى، باشقىمۇ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.