ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر كىنو سەنئىتى تارىخىدىن (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.07.12
telman-nuraxunof.jpg شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف(سولدىن بىرىنچى) قازاقىستانلىق ۋەكىللەر بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ شېئىرىيەت بايرىمىدا. 2013-يىلى 1-ئىيۇن، بىشكەك.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى قالىغىچى دەپ تونۇلغان «ئوتلۇق يىللار» بەدىئىي فىلىمىنىڭ ئاپتورى كۆرنەكلىك دراماتورگ، رېژىسسور جامالدىن روزىيېف قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ياخشى تونۇش.

ئۇنىڭ ئىجادىيىتى، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ياخشى تونۇلغان «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر پروگراممىسى ھەم ھېلىمۇ ئۇيغۇرلار سېغىنىشلىق بىلەن كۈتىدىغان «تەبەسسۇم» ھەزىل-كۈلكە كېچىلىكى بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى.

سابىق «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر پروگراممىسىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى ۋە شائىر تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر كىنو سەنئىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئارقىدا قالغان ساھەسى بولغان ئىدى. 1984-يىلى «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر پروگراممىسى ئېچىلغاندىن كېيىن ھەم بولۇپمۇ ئۇ يەردىكى كۆرسىتىشلەر ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىدا كىنو چۈشۈرۈش، مىللىي كىنو سەنئىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مەسىلىسى كۈن تەرتىپىگە چىققان. مانا شۇ چاغدا ج. روزىيېفنىڭ «ئوتلۇق يىللار» فىلىمىنىڭ مەيدانغا چىقىشى پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھاياتىدىكى چوڭ يېڭىلىق بولغان ئىدى.

ت. نۇراخۇنوف مەزكۇر فىلىمنىڭ چوڭ كىنوخانىلاردا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ھەر كىمنىڭ ئىمكانىيىتى بولغان ئۆيدىكى كۆك ئېكراندىن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شۇ فىلىمنى كۆرۈپ، چوڭ خۇشاللىققا بۆلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدىن كېيىن ج. روزىيېف يەنە بىر-ئىككى فىلىمنى ئىشلەپ چىقتى. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، كەسپىي ئەمەس رېژىسسورلار ۋىدېئوفىلىم چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى ئاتقۇرۇپ كۆردى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىشانىغا يېتەلمىدى. «يارى» كىنو ستۇدىيىسى، باھاۋدۇن ئامۇتوفلار ئۆز ئالدىغا كىنولارنى چۈشۈرۈشكە تىرىشىپ كۆردى، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولالمىدى. سەۋەبى، بىرىنچىدىن، كىنو كەڭ پىلاندا چۈشۈرۈلۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېخنىكىلىق شارائىت يار بەرمىدى، ئىككىنچىدىن، سېنارىيە مۇئەللىپلىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئاجىز، رېژىسسورلۇق ماھارەتمۇ يوق بولدى، دېسەكمۇ بولىدۇ».

ت. نۇراخۇنوفنىڭ قارىشىچە، جامالىدىن روزىيېف باشلاپ بەرگەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كىنو سەنئىتى بىر تۇتۇشۇپ، ئۆچۈپ قالغان.

ئىگىلىشىمىزچە، 1935-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كېيىن ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئالىي ئوقۇش ئورنىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىلىم ئالغان ج. روزىيېف 1956-يىلى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاتلانغان ياشلار قاتارىدا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئامما شۇ چاغدا خىتايدا شەكىللەنگەن سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى، شۇ جۈملىدىن ج. روزىيېفمۇ ئۆز ئېلىغا قايتۇرۇلغان ئىدى. باشقىلار قاتارىدا «ئوڭچى»، «سوۋېتپەرەس» دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇ، نەتىجىدە 1962-يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ تاشكەنتتىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، قازاقىستانغا كۆچۈپ بارىدۇ ھەم ئۆز پائالىيىتىنى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە، «مەكتەپ» نەشرىياتىدا، «ئالىتاغ» پروگراممىسىدا داۋام قىلىدۇ. ج. روزىيېف 2010-يىلى 75 يېشىدا ئالماتا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

جامالىدىن روزىيېف ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئۇنىڭ دەسلەپتە شېئىر ۋە ھېكايىلىرى، ھەجۋىي ۋە «تاڭ شامىلى» ناملىق پوۋېستىدىن ئىبارەت توپلىمى يورۇق كۆردى. كېيىنكى يىللاردا ئۇ دراماتورگىيە ھەم كىنوچىلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئوتلۇق يىللار» فىلىمى تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلىندى. ئاندىن كەينى-كەينىدىن «كۆچكەن يۇلتۇز»، «تەكلىماكان رىۋايىتى»، «تەقدىر تەنىسى» ۋىدېئوفىلىملىرىنى، «جازا»، «قايغۇلۇق كۈنلەر»، «تونۇش كىشىلەر»، «قۇتلۇق قەدەملەر» ناملىق دراما ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ج. روزىيېف ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىڭلىغان تاماشىبىنلىرىنىڭ سۆيۈملۈك پروگراممىسىغا ئايلانغان «تەبەسسۇم» ھەزىل-كۈلكە پروگراممىسىنىڭ ئاپتورى. مەزكۇر پروگرامما ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ سابىق مۇدىرى مۇرات ئەخمەدىيېف ۋە دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈلگەن ئىدى.

«ئوتلۇق يىللار» فىلىمى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاقتام يېزىسىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەقەسى يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ھەم يېزا ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋا بۇنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «ئالتىنچى سىنىپنى پۈتتۈرۈپ، يازلىق تەتىلگە چىققان چاغلىرىم. ئاقتام مەھەللىسىدە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى كېلىپ، كىنو چۈشۈرىدىكەن دېگەن گەپ مەھەللىمىزگە پۇر كەتتى. ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئۆتمەي بىر ئاپتوبۇستا ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىنىڭ ئارتىسلىرى كېلىپ، تارىخىي «ئوتلۇق يىللار» فىلىمىنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. مەھەللىمىز تاغ باغرىغا جايلاشقاچقا، تاغ تەرەپتىكى غول، مەھەللە چېتىدىكى دۆڭلەردە ھەم يان قوشنىمىزنىڭ كونا تام ئۆيىدە كىنو قەھرىمانلىرىنى كامېراغا تارتقان چاغلىرى بىزگە بەك قىزىق بىلىنەتتى. بىز، كىچىك يىگىت-قىزلار ھەۋەس بىلەن مارىشىپ، قارىشىپ كېتەتتۇق».

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئالاھىدە رول ئوينىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى «جازۇشى» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى، كۆرنەكلىك يازغۇچى تۇرغان توختەموف ھەم رېداكسىيە خادىمى، ياش شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشى ت. توختەموفنىڭ «ئانىنىڭ كۆز يېشى» ناملىق پوۋېستىغا شۇ نامدا سېنارىيە يېزىش بىلەن باشلاندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ت. نۇراخۇنوف قازاقىستان تېلېۋىزىيە كومىتېتىدا شۇ ۋاقىتتا بەدىئىي كېڭەش مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ يەردە بارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇھاكىمىدىن ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ كېڭەشكە بەدىئىي سېنارىيەنى كۆرسەتمەستىن ت. توختەموفنىڭ ياردىمى بىلەن ئارتىسلارنى تەييارلىدىم. ئۇلار ئۇيغۇر تىياتىرىدىن بولدى. فىلىمنى بىر سائەتلىك ۋاقىت بىلەن چۈشۈردۇق. ئەلۋەتتە، ئۇنى تەييارلاپ ئېلىپ كەلگەن چاغدا قازاقىستان تېلېۋىزىيىسىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن تائۇساروف فىلىمنىڭ قەيەردە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى سورىدى. فىلىمدىكى ھەممە ھەرىكەتلەر پەقەت بىر ئۆينىڭ ئىچىدىلا بولدى».

ت. نۇراخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ت. توختەموفنىڭ «ئانىنىڭ كۆز يېشى» ناملىق پوۋېستى ئۆز ۋاقتىدا كىتابخانلارنىڭ قانداق كۆڭلىدىن چىققان بولسا، شۇ ناملىق فىلىممۇ كۆپلىگەن تاماشىبىنلاردا چوڭ تەسىرات قالدۇرغان. ئۇ ۋاقىتلاردا باشقىمۇ فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ فىلىملىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسى تۆۋەن بولغان ھەمدە تاماشىبىنلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ت. نۇراخۇنوف شۇنداقلا ھەۋەسكار رېژىسسورلار تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر قاتار فىلىملارنى كەشىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تېخنىكىلىق ھەم ماددىي ياردەم بولمىغانلىقتىن توختاپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭ سەۋەبىدىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىنو سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاۋۇت مەسىموفنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر كىنو سەنئىتى راۋاج تاپالمىغان بولۇپ، بۇ ساھەدە بەزى شەخسلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ فىلىملىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يا تارىخى، يا مەدەنىيىتى، يا ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۆز ئەكسىنى تاپمىغان. ئۇ كىنو چۈشۈرۈشتە ئورۇن ئالغان بەزى كەمچىلىكلەرنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «كىنو چۈشۈرۈش ئوڭاي ئىش دەپ ئويلىدۇق. ئۇنىڭ مەزمۇنىغا، سەھنە كۆرۈنۈشىگە، ئارتىس تاللاشقا ئېرەڭ قىلمىدۇق. ھەممە نەرسە پۇلغا باغلىق بولغاچقا ناھايىتى ناچار كىنولارنى چىقىرىشقا باشلىدۇق. ئارىلىقتا تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن فىلىملار تارقىلىشقا باشلىدى. يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف، جامالدىن روزىيېفلار مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئەمگەك قىلدى. چىمكەنتلىك تىجارەتچى يارمۇھەممەت ئىسكەندەروف ئۆز خىراجىتى بىلەن كىنو چىقىرىشنى قولغا ئالدى. كىنو سەنئىتى نېمىشقا راۋاج تاپمىدى؟ بۇنىڭغا ھېچ توسالغۇ بولمىدى. پەقەت بۇنىڭغا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قارىدۇق».

ئا. مەسىموفنىڭ پىكرىچە، كىنو سەنئىتىدە ئاساسىي دىققەت سېنارىيەگە، ۋەقە ئورنىنىڭ دۇرۇس تاللاپ ئېلىنىشىغا، ئوپېراتورغا، شۇنداقلا روللارنى ئىجرا قىلغۇچى ئارتىسلارغا باغلىق.

ئا. مەسىموف رېژىسسور ب. ئامۇتوف بىلەن «سىرلىق سېزىم» ناملىق فىلىمنى چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، ھەر قانداق بىر ئىش دۆلەت تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمىسە، ئۇنىڭ ئالغا قاراپ ماڭمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ئىشقا شەھەر، ناھىيە، ئوبلاست ئالىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ئارىلاشقىنى ئورۇنلۇق دەپ تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.