كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى ئالىملار نەزىرىدە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.04.14
kitab-muqawisi.jpg «قازاقىستان خەلقى ئەدەبىياتى» ۋە «قازاقىستان خەلقىنىڭ زامانىۋى ئەدەبىياتى» ناملىق ئىككى كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Oyghan

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى تەتقىقات ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا.

قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات ئىشلىرى شۇنىڭ يارقىن ئىسپاتىدۇر.

ئىنستىتۇت خادىملىرى يېقىندا شۇ يۆنىلىشتە «قازاقىستان خەلقى ئەدەبىياتى» ۋە «قازاقىستان خەلقىنىڭ زامانىۋى ئەدەبىياتى» ناملىق ئىككى كىتاب نەشر قىلدى.
بۇ تەتقىقاتلار كىم تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؟ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتى نېمىدە؟ مەزمۇنى نېمىدىن ئىبارەت؟

بىز بۇ ھەقتە شۇ ئىنستىتۇتنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.