قازاقىستان بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە ئۇيغۇرلار 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.05.22
qazaqistan-almata-weten-usulchilar-ansambili-2016.jpg «ۋەتەن» ئۇسۇلچىلار ئانسامبىلى
RFA/Oyghan

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار سارىيىدا 14 - ۋە 15 - ماي كۈنلىرى «ئەرلىكى - ئەلگە مىراس» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك فېستىۋال بولۇپ ئۆتتى. «ئاتىدىن مىراس» خەيرخاھلىق فوندى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ھۈنەرلىرىنى ھەر قايسى ساھەلەردە سىنىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ ياش قاتناشقۇچىلىرى كۆپلىگەن تاماشىبىنلار ۋە قازىلارنى قايىل قىلغان بولۇپ، ھەر خىل دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

«ۋەتەن» ئۇسسۇلچىلار ئانسامبىلى ھازىر ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىنىڭ بەشياغاچ مەھەللىسىدە بىر يىل مابەينىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. بىز بۇ ئانسامبىلنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇتۇقلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ رەھبىرى پەرھات دۇگانوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

—يېقىندا ئالماتادا ئۆتكەن فېستىۋالغا قايسى يەرلەردىن قاتناشتى؟

—بۇ قېتىمدا ئالماتا شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار سارىيىدا ئۆتكەن «ئەرلىكى - ئەلگە مىراس» فېستىۋالىغا قازاقىستاننىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئۇ يەردە ئون بەشكە يېقىن ئۇسسۇل ئانسامبىللىرى بولدى. ئۇيغۇر ئانسامبىللىرىدىن پەقەت بىز بولدۇق.

—سىلەرنىڭ بۇ ئۇسسۇل ئانسامبىلىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىڭلار نېمە؟

—ئانسامبىلنىڭ نامى «ۋەتەن». ۋەتەن نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ دېسەك، ئۇنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش. ھازىر نۇرغۇنلىغان بالىلىرىمىز سەنئەتنى، مۇقامنى، ناخشىلارنى ئۇقمايدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەنە شۇلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئارقىمىزدا شاگىرت قالدۇرۇش.

ھەر مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ۋە يەككە سەنئەتچىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇللار فېستىۋال مېھمانلىرىنىڭمۇ كۆڭلىدىن چىققان. شۇلاردىن بىرى ئۇستاز ئېلمىرا زائىروۋانىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت ئۇسسۇل بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان 18 ئانسامبىلنىڭ ئىچىدىن «ۋەتەن» توپى تاللىنىپ، ئۇنىڭغا فېستىۋالنىڭ باش مۇكاپاتى بېرىلگەن. ئۇ، ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىنلا سەنئەتخۇمار خەلق بولۇپ، ئاتا—ئانىنى ھۆرمەتلەش، بالىنى دۇرۇس تەربىيىلەش، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى سۆيۈشكە ئوخشاش ئىشلارغا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇستاز بولغانلىقتىنمۇ، يۇرتداشلىرىمنىڭ قوللىشى بىلەنمە، ئوقۇتۇۋاتقان قارا كۆزلەرگە ھەر قاچان ئاڭلىق تەربىيە، ساپالىق بىلىم بېرىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېگىز چوققىلاردىن كۆرۈنۈشىگە، ھەر قانداق مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئۈلۈشىنى قوشۇشىغا كۈچ سالغۇم كېلىدۇ. يېقىندا ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ بىر كونسېرتقا، بەيگىگە قاتنىشىشقا ئاق يول سېلىندى. ئۆتكەن يىلى بەشياغاچ يېزىسىدا «ئىرادە» خەلق ئانسامبىلى ئۇسسۇلچىلىرى پەرھات دۇگانوف ۋە كامىلەم كىزىروۋا رەھبەرلىكىدە سەنئەت ئۆمىكى ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا بىزنىڭ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر يىل داۋامىدا قاتنىشىپ كەلمەكتە. بالىلىرىمىز دەسلەپ قېتىم مۇنداق چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالاھىدە كۆزگە چۈشتى.»

ئې. زائىروۋا ئۆز سۆزىدە شۇنداقلا ياش ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇسسۇلنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئويناپ، كۆپلىگەن تاماشىبىنلار ۋە قازىلارنى قايىل قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «سەھنىدە كۆپلىگەن ئۇسسۇللار كۆرسىتىلدى. ‹ۋەتەن› توپىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆزگە چۈشتى. 18 توپنىڭ ئىچىدە پەقەت ‹ۋەتەن› توپىدا ھەم ئوغۇللار ھەم قىزلار قاتناشتى. ئۇسسۇلنى باھالىغان مۆلدىر يۇسۇپوۋا ئۇسسۇلدىكى گۈزەللىكى، كىيگەن كىيىمى، بىر—بىرىگە بېقىشىپ ئويناشلىرى بىلەن كۆزگە چۈشكەن ‹ۋەتەن› توپىغا باش مۇكاپاتنى بەلگىلىدۇق، دەپ ئېيتتى.»

—پەرھات دۇگانوف، سىز ئۆزىڭىزنىڭ سەنئەت مەيدانىغا قانداق قىلىپ كەلگەنلىكىڭىز ھەققىدە توختىلىپ كەتسىڭىز.

—كىچىكىمدىن تارتىپ سەنئەتكە بولغان كۆز قارىشىم بار ئىدى. ئالتە يېشىمدىن تارتىپ دادام راۋاب چېلىشنى ئۆگەتتى. مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالماتادا مۇرات ناسىروف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مۇسابىقىدە ژۇرگېنوف نامىدىكى ئاكادېمىيىگە ئوقۇشقا چاقىرىق ئالغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۈرۈمچىگىمۇ چاقىرىق ئالدىم. مېنىڭ كىچىكىمدىن ۋەتەننى كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، 2008 - يىلى يىگىرمىگە يېقىن ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچىدە بىر يىل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇپ چىقتۇق.

—دەسلەپكى ئۇتۇقلارغا قاچان ۋە قەيەرلەردە ئېرىشتىڭىز؟

—2009 - يىلى ياركەنتتە دىلشات ناسىروف ۋە سۈرىيەم ھېزىموۋا بىزگە باش—كۆز بولۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بالىلار چېچىلىپ كەتمىسۇن، ئارتىس بولۇپ، خەلققە خىزمەت قىلسۇن دەپ «ئىرادە» ناخشا—ئۇسسۇل ئانسامبىلىنى قۇردى. بىز 2012 - يىلى ئىسپانىيەدە، ئاستانادا، ئاقتۆپىدە، 2014 - يىلى تالدىقورغاندا ئۆتكەن فېستىۋاللاردا غالىپ چىقتۇق.

—ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ بۈگۈنكى ئاساسىي پائالىيىتىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ كەتسىڭىز.

—2015 - يىلدىن تارتىپ ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ بەشياغاچ مەھەللىسىدە، بىز ئۈرۈمچىدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى مۇشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇپ كېتەيلى دېگەن نىيەت بىلەن يىگىرمىگە يېقىن ئوقۇغۇچىنى سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىشقا باشلىدۇق. بالىلارنى 2015—يىلى ئارتۇر ئىلاخۇنوف قويغان «ياڭرا، ناخشام» كونسېرتىغا، 2016—يىلى شاۋكەت نەزەروفنىڭ «شاۋكەت شوۋ» كونسېرتىغا ئېلىپ چىقتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.