قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى تارىخى درامىلارغىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-09-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق سەھنە ئەسىرىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 3-نويابىر، ئالماتا.
ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق سەھنە ئەسىرىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 3-نويابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە تەن-ھەرىكەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئالماتادا بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئاباي نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرى، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك دراما تىياتىرى، شۇنداقلا لېرمونتوف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك رۇس تىياتىرى، نېمىس دراما تىياتىرى، كورېيە مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى قاتارلىق مىللىي تىياتىرلارمۇ ئىشلىمەكتە.

ئۇيغۇر تىياتىرى ھەر يىلى ئۆزىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى يېڭى ئەسەرلەر بىلەن تولدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. تىياتىر دراما گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يالقۇنجان شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سەھنىسىدە ئۆتكەن يىللىرى كۆپلىگەن ئەسەرلەر قويۇلۇپ، بولۇپمۇ يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت»، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوفنىڭ «بايانچۇر» تارىخىي ئەسەرلىرى تاماشىبىنلاردا چوڭ تەسىرات قالدۇرغان ئىدى.

ي. شەمىيېف بۇ يىل تەييارلانغان سەھنە ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ماي ئېيىدا بىز ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ‹مەخمۇت قەشقىرى› ناملىق ئەسەئىرىنى تاپشۇردۇق. ئۇنى يېڭى مەۋسۇمدا بىزنىڭ تاماشىبىنلىرىمىز كۆرىدۇ. بۇ يىل بىزنىڭ ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى ۋە دراماتورگ دولات ئىسابېكوفنىڭ 70 ياشلىقى نىشانلاۋاتىدۇ. ئۇ دۇنياغا تونۇلغان دراماتورگ. بىز ئۇنىڭ ‹مىراسخورلار› ناملىق ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرۈپ تاپشۇردۇق. بەدىئىي رەھبىرىمىز مۇرات ئەخمەدىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىز بۇ سەھنە ئەسىرىنى قازاقچە تەييارلىدۇق».

ي. شەمىيېف ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ ئەسەرلەرنى پەقەت ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقا ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان قېرىنداش قازاق تاماشىبىنلىرىغىمۇ كۆرسىتىشنىمۇ مەقسەت قىلغان ھالدا يۇقىرىدا ئاتالغان «مىراسخورلار» ناملىق ئەسەرنىڭ ئىككى تىلدا تەييارلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ يېقىندا ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكەن خەلقئارا كۆرگەزمىگە «يىپەك يولى ئاھاڭلىرى» ناملىق چوڭ كونسېرت پروگراممىسى بىلەن قاتناشقانلىقىنى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى كۆپلىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ي. شەمىيېف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدا يەنە چوڭ ئىشلار تۇرىدۇ. شېكسپىرنىڭ ‹رومېيو-زھۇليېتا› ناملىق ئەسىرىنى قويىمەن. كۈزدە ياكى قىشتا ئۇنى تاماشىبىنلارغا سوغا قىلماقچىمىز. «ناۋا» ئانسامبىلىمۇ چوڭ پروگرامما چىقىرىۋاتىدۇ. تىياتىرىمىز ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ رايونلاردا ياشاۋاتقان تاماشىبىنلارغا ئۆز ئويۇنىنى كۆرسەتمەكچى. شۇنداقلا ياش ئارتىسىمىز ساھىبەم نورۇزوۋا ئالاھىدە چوڭ بىر پروگراممىسى بىلەن سەپەرگە بارماقچى».

ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ سېپى دائىم ياش كادىرلار بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرماقتا. تىياتىر رېزھىسسورى مۇھىت ھېزىموفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدا بولۇپمۇ ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان سەنئەت مەكتەپلىرى چوڭ رول ئوينىماقتا. ئۇ بۇ يىلى 10-نويابىردا يېڭى مەۋسۇمنىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» ناملىق سەھنە ئەسىرى بىلەن ئېچىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا كۆپلىگەن ياش ئارتىسلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەردە مەخمۇت قەشقىرىنى بىزنىڭ ياش ۋە تەجرىبىلىك ئارتىسىمىز دىلشات ئامانبايېف ئوينايدۇ. بىزگە بۇلتۇر بىر توپ ياشلار ژۇرگېنوف نامىدىكى سەنئەت ئاكادېمىيەسىدىن كەلدى. شۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ ئەسەرگە قاتنىشىدۇ. مۇشۇ يېڭى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بالىلاردىن ئۈمىدىمىز ناھايىتى چوڭ».

م. ھېزىموف تىياتىر رەھبەرلىكىنىڭ ياش ئارتىسلارنى تەربىيىلەپ چىقىش ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرمۇ خەلق ئارىسىدا ئونلىغان تالانتلىق ياشلارنىڭ ئۆسۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان «كۆك كۆڭلەكلەر» ھەۋەسكارلار ئۇيۇشمىسى ئاساسىدا 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆز سەھنىسىنى جالال ئاسىموف ۋە ئابدۇلھەي سادىروفنىڭ «ئانارخان» درامىسى بىلەن ئاچقان ئىدى. 80 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە مەزكۇر تىياتىر سەھنىسىدە ئەخمەت شەمىيېف، مەريەم سېمەتوۋا، روشەڭۈل ئىلاخۇنوۋا، غۇلامخان جەلىلوف، خېلىچەم ئىلىيېۋا قاتارلىق ئاتاقلىق سەنئەتكارلار ئۆز تالانتىنى نامايىش قىلىپ، مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. تىياتىرغا ھەر يىللىرى ئۇيغۇر مەخپىروۋ، ئىكرىم مەسىموف، مۇرات ئەخمەدىيېف ۋە باشقىلار رەھبەرلىك قىلدى. ھازىر ئۇنى رۇسلان توختاخۇنوف باشقۇرماقتا. تىياتىر تەركىبىدە «ناۋا» مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئانسامبىلى، «رۇخسارە» ئۇسسۇل ئانسامبىلى ۋە دراما گۇرۇپپىسى ئىشلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت