قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى لاتىن يېزىقىنى قارشى ئالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.09.25
qazaqistan-uyghur-latin-yeziq-otush-1.jpg قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف(ئوڭدا) ۋە قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى دارخان مىڭباي ئەپەندىلەر يىغىن سەھنىسىدە. 2017-يىلى 22-سېنتەبىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

22-سېنتەبىردە ئالماتا شەھىرىدىكى مىللىي كۇتۇپخانىنىڭ مەجلىس زالىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللى-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «قازاقىستاننىڭ لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشى» ماۋزۇسىدا كېڭەيتىلگەن يىغىن بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.

يىغىننىڭ كىرىش سۆزىنى سۆزلىگەن قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» پروگراممىسى ۋە قازاقىستاننىڭ پەيدىنپەي لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسى ئەتراپىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى دارخان مىڭباي «ئۇلۇغ يىپەك يولى بويىدىكى سۆھبەتلەر» لايىھەسى بويىچە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىشلار، «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋىي يېڭىلىنىش» پروگراممىسىنىڭ ماھىيىتى، يېقىندا مەملىكەت پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكەن خەلقئارا كۆرگەزمە ھەم ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى، باشقىمۇ مەملىكەت رەھبەرلىكى يۈرگۈزۈۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ بۇ تەشەببۇسنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەتلىك تىل- قازاق تىلىنى بارلىق قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ بىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى، ئەمما بۇ جەھەتتە باشقا مىللەتلەر تىلىنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف «لاتىن ئېلىپبەسى - قازاقىستاننىڭ كېلەچەك يېزىقى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالماتا شەھەر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف، ئالماتا شەھىرى جەمئىيەتلەر كېڭىشى كومىسسىيىسىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، ئالماتا ۋىلايەتلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زاكىرجان قۇزىيېف ۋە باشقىلار بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى يېقىندا تەۋسىيە قىلىنغان لاتىن يېزىقىدىكى يېڭى قازاق ئېلىپبەسىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستانلىقلار تەرىپىدىن قىزغىن مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا يەنە ۋاقىتنىڭ بار بولۇپ، شۇ ۋاقىت ئىچىدە بىرەر ئومۇمىي دۇرۇس قارارغا كېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن ئېلىپبەسى بىلەن ساقلاپ قېلىشتا بىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي تىلىمىز، دىلىمىزنى يەتكۈزىدىغان ھەرپلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك. ھازىر 80 دۆلەت لاتىن ھەرىپىدە ئىكەن. ئۇنىڭ 40ئى تۈركىي خەلقلەر ئىكەن. ئۇيغۇر ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى، مۇئەللىملەرنىڭ بېشىنى قوشۇپ، بىر كومىسسىيە قۇرۇپ، مىللىي كومىسسىيەگە ئۆز پىكىرلىرىمىزنى يەتكۈزۈشىمىز كېرەك».

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» پروگراممىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسى رەسمىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشقا باشلاپ، بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن ئىشلار قىلىنماقتا. يېقىندا قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى يىغىنلىرىنىڭ بىرىدە قازاق تىلىنى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈرۈش مەسىلىسى قاراپ چىقىلىپ، بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار، جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى ئۆز پىكىرلىرىنى تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى ھەم لايىھەلەر تەۋسىيە قىلىندى. ي. ئەسمەتوف مۇنداق دېدى: «ھازىر قازاق ئېلىپبەسىنىڭ 25 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن لاتىن يېزىقى جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ. يىغىندا ھەقىقەتەنمۇ قازاق تىلىنىڭ لاتىن ھەرپىگە ئۆتۈشىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈندى. قازاق تىلى لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتسە، بۇ قازاقىستاندا ياشايدىغان كۆپلىگەن تۈركىي مىللەتلەرمۇ بۇ يېزىققا ئۆتۈشكە ھەقلىق. سەۋەبى لاتىن يېزىقىغا ئۆتسەك مەملىكەتلىك تىلمۇ بىز ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولىدۇ. مەملىكەتلىك تىل لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈۋالسا، بىزنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىمۇ قاراپ ئولتۇرمايدۇ، دەپ ئويلايمەن».

ئەمدى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشىدە قانداق قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟ ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىدىكى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋانىڭ قارىشىچە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تور بەتلىرى ئارقىلىق لاتىن يېزىقى بىلەن يېقىندىن تونۇش بولغاچقا، بۇ مەسىلىدە كۆپ قىيىنچىلىقلار سادىر بولمايدىكەن. ئۇ، لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشنىڭ زامان تەلىپى ئىكەنلىكىنى، ھازىر بۇ ھەقتە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلار لاتىن يېزىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ دېسەم ئارتۇق بولمايدۇ. شەخسەن ئۆزۈم لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن. كۆپىنچە بىزدە چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلاشقاندا لاتىن يېزىقىدا يېزىشىدۇ. بىزنىڭ ھازىر ئالدىمىزغا قويغان مەقسىتىمىز ئىككى-ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە بالىلارغا لاتىن يېزىقىنى ئۆگىتىش. ھازىر ئوقۇغۇچىلاردا لاتىن يېزىقىغا بولغان قىزىقىش پەيدا بولدى. مەن ئۆزۈممۇ لاتىن يېزىقىغا قىزىقىۋاتىمەن».

ھازىر قازاقىستاندا 60 تىن ئوشۇق تولۇق ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلاردا 15 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر بالىسى ئوقۇيدۇ. قازاقىستان مەملىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقان كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش پروگراممىسى بويىچە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدىن تاشقىرى مەملىكەتلىك تىل- قازاق تىلىنى، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى ئىگىلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.