يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخىدىن بايانلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.11.27

يەتتىسۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ماكانلىرىدىن بىر ئىكەنلىكى ھەققىدە تارىخچىلار ئۆز يەكۈنلىرىنى چىقارغان ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە يەتتىسۇ ۋادىسىغا، يەنى چار رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى جايلارغا كۆچۈشى 1881-1883-يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا ئىلى ۋادىسىنى بېسىۋالغان رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىنى مانجۇلارغا بېرىۋەتكەن ئىدى. نەتىجىدە، بەزى مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قورغاس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلىشىپ، يېڭى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى بەرپا قىلغان ئىدى. ئەمما، بۇ جايلاردا بۇرۇندىنلا ياشىغان ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، بەزى مەھەللىلەر مەۋجۇت ئىدى.

شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە پەيدا قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرى قاراتورۇق يېزىسىدۇر.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.