قىرغىزىستان ياشلىرى: مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فىرۇزە
2017.11.06
medeniyitimizni-saqlap-qalimiz-1.jpg قىرغىزىستان «دىل ساداسى ئىجادىيەت مەركىزى» «سەنئىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز» دېگەن شوئارى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇل كۆرىكىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 5-نويابىر، بىشكەك.
RFA/Firuze

قىرغىزىستان «دىل ساداسى ئىجادىيەت مەركىزى» «سەنئىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز» دېگەن شوئارى بىلەن 5-نويابىر كۈنى بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇل كۆرىكى ئۇيۇشتۇردى.

«دىل ساداسى ئىجادكار مەركىزى» رۇستەم ئابدۇرائۇفۇۋنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا 2008-يىلى تەشكىل قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر ئۇيۇشما ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، سەنئىتىنى، چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بايلىقىنى تەرغىب قىلىشى ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۇسۇل ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئىدى. 9 يىل جەريانىدا «دىل ساداسى مەركىزى»نىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن قىرغىزىستاندا نۇرغۇن كونسېرت ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئەنە شۇ كونسېرتلاردا قىرغىزىستاندا تونۇلغان سازەندە -ناخشىچىلار ۋە ئۇسۇلچىلار توپلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر ناخشا سازلىرى ياڭراپ ۋە مىللىي ئۇسۇللار تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا ھاۋالە قىلىنىپ تۇرماقتا.

«دىل ساداسى» ئۇيۇشتۇرغان ئۇسۇل كۆرىكى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى باھالىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.

مۇراسىم ئۈچ تۈرلۈك سىناقلاردىن تەشكىل قىلىنغان ئىدى. ئۇلارنى باھالاش ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىلار تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

ئۇسۇل كۆرىكىگە 5 گۆدەك ۋە ئۆسمۈرلەر توپى قاتناشقان ئىدى. ئۇلار سىناق قائىدىلىرى بويىچە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇللىرىنى ئورۇنلاپ بېرىشتى، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىدا چېلىنغان سازلارغا ئۇسۇل ئورۇنلاشتى.

پائالىيەت نەتىجىسىدە 2 ئۆسمۈرلەر توپى بىرىنچى ئورۇنغا ئېرىشىپ تەقدىرنامىلار ۋە تىياتىر بىلەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى ۋە باشقىلارغا تاتلىق-تۈرۈملەر بېرىلدى.

قىرغىزىستاندا كەڭ تونۇلغان سازەندە رۆشەنگۈل مومۇنوۋا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ رۇستەم بىلەن ئاۋاخان ئابدۇرائۇفوۋلارنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى ياشلارغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان پائالىيەتلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە تەييارلىقىنى كۆرسەتتى.

قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى سۇلتان كېرىموف قىرغىزىستان ياشلىرى ئىچىدە سەنئەت سۆيېرلەر كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن رازىچىلىقىنى بىلدۈردى.

رۇستام ئابدۇرائۇفوۋنىڭ دېيىشىچە «دىل ساداسى مەركىزى»دە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللا رۇس، قىرغىز، تاتار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆسمۈرلىرى تەربىيىلىنىۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.