19-ئەسىر رۇسىيە-قەشقەرىيە مۇناسىۋەت تارىخىغا نەزەر (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.12.31
Yaqup-beg-305.jpg قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياقۇپ بەگنىڭ سۈرىتى.
wikipedia.org

19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياقۇپ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلۇپ، تارىختا يەتتىشەھەر دۆلىتى ۋە ياكى قەشقەرىيە دۆلىتى دەپ ئاتالغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپىدۇر.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ياقۇپ بەگنىڭ ئېلىپ بارغان تاشقى سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ چار رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن قايتىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان رۇس تارىخچىلىرى سابىق چار رۇسىيە ئارخىپلىرى بويىچە رۇس-قەشقەر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قەشقەرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ھەتتا كېرەك بولسا چىڭ ئىمپېرىيىسىگە ياردەملىشىپ، بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدى.

قەشقەرىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەت تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەن قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.