ئالمۇتادىكى «شاۋكەت-شوۋ» تىياتىرى تېخىمۇ راۋاجلانماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-12-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ساتىرىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شاۋكەت نەزەروف «شاۋكەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ ئون يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان «شانلىق يول» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
ساتىرىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شاۋكەت نەزەروف «شاۋكەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ ئون يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان «شانلىق يول» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Oyghan

قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى پەيدا بولغان ئىقتىسادىي بۆھرانلار ئەلنىڭ سانائەت، ئىگىلىك ساھەلىرىدىن تاشقىرى، بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ساھەسىدە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار سادىر بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇلغان سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ بەزىلىرى يېپىلىپ كەتسە، بەزىلىرى ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئىزدىدى. ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن يېڭى سەنئەت مەركەزلىرىمۇ ۋۇجۇدقا كەلدى. شۇلارنىڭ بىرى «شاۋكەت-شوۋ» تىياتىرى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ ئون يىللىقىغا بېغىشلانغان «شانلىق يول» ناملىق كىتاب يورۇققا چىقتى.

ئۇنىڭ ئاپتورى ساتىرىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شاۋكەت نەزەروفنىڭ ئېيتىشىچە، 1984-يىلى قازاق تېلېۋىزىيەسىدە «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە پروگراممىسى ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئۇ ئون بەش يىل تولمايلا يېپىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغلاردا تېلېۋىزىيە يېنىدا «تەبەسسۇم» ھەزىل-كۈلكە پروگراممىسى تەشكىللىنىپ، ئۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇر سەھنە ساتىرىسىنىڭ تەرەققىي ئېتىشىگە سەۋەب بولدى. ش. نەزەروف «ئالىتاغ» پروگراممىسى مەۋجۇت بولغان چاغدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا 60 تىن ئوشۇق سەنئەت ئۆمەكلىرى تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي كۆپچىلىكى پروگرامما يېپىلىشى بىلەن ئۆز پائالىيىتىنى توختاتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پروگرامما يېپىلغاندىن كېيىن ئاشۇنداق سەنئەت ئۆمەكلىرىنى قانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرسەك بولىدۇ دېگەن نىيەت بىلەن بۇ ئىشنى قىزغىن باشلىۋەتتۇق. لېكىن ئىش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق. تالانتلىق بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ناچار بولغانلىقتىن بىز مەجبۇرىي رەۋىشتە ھامىيغا ئايلىنىپ كەتتۇق. پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىزغا ئون يىلدىن ئاشتى. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە يۈزلىگەن تالانتلىق بالىلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردۇق».

ش. نەزەروف تىياتىرنىڭ 20-قېتىملىق كونسېرتىدىن كېيىن ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن بۇ ئىشنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، يەنى يېڭى لايىھە بويىچە ئىشلەش ئويىنىڭ بولۇپ، بۇنىڭغا ھامىيلارنى جەلپ قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تىياتىر ئەمدى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىياتىرى دېگەن مەنادا «قۇياش» دەپ ئاتالماقچى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ش. نەزەروف ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدا ئاز ئۇچرايدىغان ژانىرنى تاللاپ، ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مەزكۇر تىياتىرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلاردا مىللىي كىملىك، مىللىي غۇرۇر سېزىملىرىنى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «‹ شاۋكەت-شوۋ› تىياتىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك يېرى، 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ياشلىرىنىڭ كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى تىنچلىق نامايىشى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق قوراللىق باستۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەھشەتلىك تەقىبلەشلەرگە ئائىت پروگرامما ئىشلىشىدۇر. شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مىللەتپەرۋەر، مەدەنىيەتپەرۋەر شاۋكەت ئەپەندى ئۆز تىياتىرىدا بىر پروگرامما ئىشلەپ چىقتى. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قىلدى. بۇ شۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى پاش قىلىدىغان پروگرامما بولغان ئىدى. مىڭ ئەپسۇس بۇ پروگراممىنى سىياسىي، جۇغراپىيەلىك سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك تېز ياپقۇزۇۋەتتى».

ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر پروگرامما ئۈرۈمچى پاجىئەسىنى گۈزەل سەنئەت ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەپ، سەنئەتنىڭ چوڭ ماھارەت چوققىسىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پروگرامما ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا دائىرىلەر تەرىپىدىن يول قويۇلمىغان ھەم باشقا زىيالىيلارمۇ بۇ تېمىغا مۇنچىلىك چوڭقۇر دەرىجىدە مۇراجىئەت قىلمىغان ئىدى.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساتىرا ژانىرىنىڭ راۋاجلىنىشىدا يازغۇچىلار ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ۋە شاۋكەت نەزەروف ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇ مەزكۇر ژانىرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساتىرا ژانىرى بىلال نازىمنىڭ ‹چاڭموزا يۈسۈپخان› داستانىدىن باشلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى ئۆتكۈر ئىجتىمائىي-مەدەنىي ساتىرا. شۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ساتىرا ژانرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشتى. شۇلارنىڭ ئىچىدە نەسىردىن مەڭسۈروف ساتىرا زھانرىنى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈردى. ئاتاقلىق شائىر ئىلىيا بەختىيا ساتىرا ژانىرى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك تۇرمۇشنىڭ كەمچىلىك-نۇقسانلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن شائىرىمىز ئىدى».

ئا. ھەمرايېف بۈگۈنكى ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ شاۋكەت نەزەروفنىڭ ئەسەرلىرىگە چوڭ قىزىقىش بىلەن قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يازغۇچىنىڭ «باشلىق ئۇزاق سۆزلەيدۇ»، «ماگنىتوفون تۇتقان موللا» قاتارلىق ھەجۋىي ھېكايىلەر توپلاملىرى، «ئاغرىقخانىدا بىر كۈن»، «بالامنى قانداق قېيىناتا دەيمەن؟»، «كاززاپ»، «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» قاتارلىق كومېدىيەلىك سەھنە ئەسەرلىرى ۋە فىلىملىرى، 200دىن ئوشۇق ئىتۇتلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بېيىتقان.

«شانلىق يول» كىتابىدا «شاۋكەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى يورۇتۇلغاندىن تاشقىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، تاماشىبىنلارنىڭ پىكىرلىرى ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدا شۇنداقلا مەزكۇر تىياتىردىن تەربىيىلىنىپ چىققان ئارتىسلارنىڭ ئەسلىمىلىرىمۇ بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت