ئىستانبۇلدا 7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.10.06
uyghur-akademiy-7-nowetlik.jpg 7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى.
RFA/Erkin Tarim

7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10-ئاينىڭ 10-11-كۈنلىرى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلمىي-تەتقىقاتچىلار جەمئىيىتى، يەنى قىسقارتىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، شىۋېتسىيە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 22 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشماقچى.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا تەييارلانغان ئىلمىي دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن سىرت، تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تەييارلانغان ئىلمىي ماقالىلارمۇ ئوقۇلىدىكەن. يىغىندا يەنە بىر قىسىم تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۆز تەتقىقاتلىرى بويىچە دوكلات بېرىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر تىلى،تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساسىي تېما قىلىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر تىلى 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرى ۋە 2010-يىلىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدە مائارىپ تىلى بولۇشتىن يىراقلاشتۇرۇلدى. بىز بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈچلۈك، باي ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە ساھىب بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. ئىككىنچىسى بىز ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىمىزنى ياخشى بىلىپ كەتمەيمىز. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر تارىخىنى تىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلارنى كۆپرەك تەكلىپ قىلدۇق. يەنە بىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى. بۇ يىغىندا تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھازىرغىچە 6 قېتىم بۇنداق خەلقئارالىق يىغىن چاقىرغانلىقىنى، 5 قېتىم ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار يىغىنى چاقىرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاكادېمىيەنىڭ تور بېتىگە 2500 پارچە ماقالە قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات بېرىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.