2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-07-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

تۈركىيەنىڭ مارمارا رايونىغا جايلاشقان بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بۇرسانىڭ قوجايايلا دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيغۇر چېدىرى قۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان، بۇ پائالىيەتكە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە فېدراتسىيەسىدىكى تاتارىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق 85 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى ئەزىز ئەلباش ئەپەندى ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن جاينىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قۇرۇلغان جاي ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرنى ھەر يىلى تۈركىي مىللەتلەر جەم بولىدىغان بىر يەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 85 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، كېلەر يىلى تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇرسا قوجايايلا يايلىقىدا قۇرۇلغان چېدىر ۋە تەنھەرىكەت ئارقىلىق تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىز 2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى رەئىسى، ياۋرو-ئاسىيا تەشكىلاتلار بىرلىكى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى گۈنگۆر ياۋۇز ئارسلان ئەپەندى، 12 ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرنى ئېلىپ بۇرساغا بېرىپ چېدىر قۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتقان مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

گۈنگۆر ياۋۇز ئارسلان ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 85 دۆلەت ۋە رايوندىن 500 كىشى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلىرىمىزگە ياشلارنىڭ قىزىقىشى بولدى. كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. بىز تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەپ ئويلايمەن.»

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 12 ئۇيغۇر بالا بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتقانلىقىنى بايان قىلدى.

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ يىل تۈركىيەنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇرسا ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز شەھەر. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم مۇشۇنداق بىر شارائىتتىمۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تونۇشتۇرغانلىقىنى، بەك ياخشى ئىنكاسلار كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈنگۆر ياۋۇز ئارسلان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان چېدىرىنى قۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتقاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭمۇ تونۇتۇلغانلىقىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭمۇ چېدىرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستان چېدىرى قۇرۇلدى. بىز ژۇرنالىستلارمۇ چېدىرنى زىيارەت قىلدۇق. تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىدىن سابىق مىنىستىر، ۋالىيلار ۋە شەھەر باشلىقلىرى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە جامائەتچىلىكى، تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدۇ. بۇ چېدىردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان دىنىي بېسىملار تونۇتۇلدى. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ تۈركىيەنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى.»

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 7-ئاينىڭ 22-، 23-كۈنلىرى بۇرسا شەھىرىنىڭ قوجايايلا دېگەن جايىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىمۇ ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقىسى بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن بىرىنچى قېتىملىق تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشتىراك قىلىشى ئىكەن. مۇنەۋۋەر خانىم كېلەر يىلىدىن تارتىپ تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت