تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شائىرلار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.07.04
Shaire-Nurela-kokturk-Sheir.jpg شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار شېئىر ئوقۇدى. 2013-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان يوزگات ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى يوزگات شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شائىرلار ئۇچرىشىشىغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا خانىم بىلەن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى قاتناشتى ۋە نۇرئەلا خانىم شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.

ھەر يىلى ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۈركىيە شائىرلار ئۇچرىشىشىغا تۈركىيەنىڭ 26 ئەتراپىدا رايونىدىن كەلگەن شائىرلار، يوزگات ۋىلايىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى ۋە شېئىر ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

1-2-ئىيۇل كۈنلىرى داۋاملاشقان شائىرلار ئۇچرىشىشىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.

2006-يىلىدىن بېرى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يوزگات شائىرلار ۋە ئەدىبلەر جەمئىيىتى رەئىسى ئەھمەت سارگىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « 2006-يىلىدىن بېرى ئەنئەنىۋى ھالدا شائىرلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ھەر ۋىلايەتتىن شائىرلارنى تەكلىپ قىلىمىز، بۇ يىل 13 ۋىلايەتتىن 26 شائىر قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى كىشى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر.

ھەر يىلى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىۋاتىمىز. بۇرۇنقى يىللاردا ئەزەربەيجاندىن، تۈركمەنىستاندىن، ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستانلاردىن شائىرلارنى تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل بولسا ئىستانبۇلدىن تېگى ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بىلەن تەتقىقاتچى خەمىت گۆكتۈركنى تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلار بىزگە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بەردى.»

ئەھمەت سارگىم ئەپەندى يوزگات ۋىلايىتى خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى، ئىككى كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۇرئەلا خانىم شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ياخشى بىر شېئىر ئوقۇدى، خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەن جازاسى ۋە زۇلۇملارنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يوزگات ۋىلايىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ۋىلايەت. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بىزنىڭمۇ دەردىمىز، ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرت-ئەلىمىنى ئورتاقلىشىپ، ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.»

1964-يىلى 11 ياش ۋاقتىدا تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 1-، 2-ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ يوزگات شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شائىرلار ئۇچرىشىشىدا شائىرە نۇرئەلا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇغاندا يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىن توغرىسىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىرە نۇرئەلا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، ھەتتا كۆز يېشى تۆككەنلىكىنى بايان قىلدى.

ۋەتەندە تۇغۇلۇپ چەتئەلدە چوڭ بولغان شائىرەلەردىن نۇرئەلا خانىم ھازىرغىچە 3 شېئىر كىتابى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر بېسىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى شېئىر كىتابىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.

ئىزمردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى شائىرە نۇرئەلا خانىمنىڭ كۆپ ساندا شېئىرىنىڭ تۈركىيەدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى نۇرەلا خانىمنىڭ شېئىرلىرىنىڭ باي مەزمۇنغا ئىگە، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك شېئىرلار بولۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

نۇرئەلا خانىمنىڭ 3 شېئىر كىتابىدىن سىرت «ئۇيغۇر تائاملىرى» نامىدا بىر كىتابى بار. ئۇ، سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىمنىڭ « كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.