ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى يۈجەل خاجالوغلۇ ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.01.08
Uyghur-dewasining-qollighuchisi-yujel-xajaloghlu.jpg ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى مەرھۇم يۈجەل خاجالوغلۇ ئەپەندى. (سۈرەتنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى، ژۇرنالىست، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ۋە تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا، ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى يۈجەل خاجالوغلۇ ئەپەندى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.

كىشىلەر تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆز تەزىيەلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھۆرمەتلىك يۈجەل خاجالوغلۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەبرە تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

تۈركىيەدىكى بىرقانچە گېزىتتە كېيىنكى يىللاردا «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىدا باش كاتىپ، «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن يۈجەل خاجالوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت يىللىرىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، تۈركىيەنىڭ ئىچى-سىرتىدا قاتناشقان يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئەڭ مۇھىمى 1980-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى بايان قىلىندى.

تۈركىيەدە زور ئابرۇيغا ئىگە بولغان يۈجەل خاجالوغلۇنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنقەرە قوجاتەپە مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قاتناشتى ۋە ئائىلىسىدىن ھال سوراپ سەبرە تىلىدى.

بىز مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇزۇن يىل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن كەرىم ئۈنال ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

كەرىم ئۈنال ئەپەندى مەرھۇم يۈجەل خاجالوغلۇ بىلەن «تۈرك ئوچاقلىرى» دا 30 يىل بىللە ئىشلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ كىچىك پېئىل كىشى ئىكەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۈجەل خاجالوغلۇ ئاكام بىلەن بىللە تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىدا مەن مۇئاۋىن بولۇپ 30 يىل بىللە ئىشلىدىم. ئۇ، ئۆزىنى تەشۋىق قىلماي، ئالدىنقى ئورۇنغا چىقماي خىزمەت قىلدى. مەن تۈرك دۇنياسىنى، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆگەندىم. ئۇ، ئۆمرىنى تۈرك دۇنياسىغا، مۇستەقىل بولالمىغان تۈركلەرگە ئاتىغان بىر شەخس ئىدى. ئائىلىسى بويىچە شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلەتتى.»

كەرىم ئۈنال ئەپەندى، مەرھۇم يۈجەل خاجالوغلىنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۈجەل خاجالوغلۇ تەشكىللەيتتى. ئەيسا ئەپەندى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ئىدى.»

بىز قوجاتپە مەسچىتىدىكى مېيىت نامىزىدىن كېيىن مىكروفونىمىزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يۈجەل خاجالوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۆز دەۋاسى دەپ كۆرگەن بىر شەخس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 1960-يىللاردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1993-يىلى، يۈجەل خاجالوغلۇ بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەنقەرەدىكى نۇرغۇن ئىش-پائالىيەتلىرىنى يۈجەل خاجالوغلۇنىڭ ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2002-يىلى ئەنقەرەدە ئىشخانا ئېچىپ، 2014-يىلىغىچە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. مەزكۇر ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇ يىللاردا مەرھۇم يۈجەل خاجالوغلۇنىڭ زور ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يۈجەل خاجالوغلۇ 1936-يىلى تۈركىيەنىڭ رىزە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستلىق، يەنى ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1957-يىلى مۇخبىر بولۇپ خىزمەتكە باشلىغان. كېيىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەسلىھەتچىسى، «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.