د ئۇ ق ھەيئىتى «جەڭچى» ناملىق چاتما فىلىمنى ئىشلىگەن شىركەتنى زىيارەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-01-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى لېمون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. 2018-يىلى 9-يانۋار، تۈركىيە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى لېمون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. 2018-يىلى 9-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدىكى بەزى تېلېۋىزىيە چاتما فىلىملىرىدە سېنارىيە ئاپتورلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىشكە باشلىدى.

26 قىسمى تارقىتىلغان «جەڭچى» ناملىق چاتما فىلىمىنىڭ ئۈچ قىسمىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقا سۆھبەتلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى. فىلىمدا بىر ئۇيغۇر جەڭچىنىڭ ئېغزىدىن بېرىلگەن بۇ سۆھبەت ۋە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنىپ، تۈركىيەدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتقان ئىدى.

مەزكۇر چاتما فىلىمنى ئىشلىگەن شىركەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ رەھمىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان رەھبەرلىرى بىر ھەيئەت تەشكىللەپ «جەڭچى» فىلىمىنى ئىشلەۋاتقان «لېمون فىلىم شىركىتى» نى زىيارەت قىلدى.

1-ئاينىڭ 9-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى سېيىت تارانچى، ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىد گۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىستانبۇلدىكى «لېمون فىلىم شىركىتى» نىڭ مۇدىرى، رېژىسسور ھايرى ئارسلان ئەپەندى ۋە «جەڭچى» فىلىمىنىڭ سېنارىيە ئاپتورى سۇلايمان چوبانوغلۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش قانداق ئۆتتى؟ نېمىلەر دېيىلدى؟ مەزكۇر چاتما فىلىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىدا ئۇيغۇرلارغا يەنە ئورۇن بېرىلەمدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن «لېمون فىلىم شىركىتى» نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ئەمما جاۋاب ئالالمىدۇق. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھامىد گۆكتۈك ئەپەندى ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«جەڭچى» ناملىق تېلېۋىزىيە چاتما فىلىمىدا تۈرك ئارمىيەسىنىڭ ھۇن ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن بۈگۈنگىچە 2200 يىللىق تارىخى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىدا تۈرك ئارمىيەسىدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ ۋەتىنىگە، ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. ھەيئەت مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى بىلەن سېنارىيە ئاپتورىغا رەھمەت ئېيتقىنىدا، ئۇلار، بۇندىن كېيىنمۇ مەزكۇر فىلىمنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى بىلسىمۇ، ئەمما بەزى ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى تازا چوڭقۇر بىلىپ كەتمەيدۇ. ھامىد گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن باش رېژىسسور ھايرى ئارسلان ئەپەندى بىلەن سېنارىيە ئاپتورى سۇلايمان چوبانوغلۇ ئەپەندىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەپسىلىي بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى تېخنولوگىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ ئۆزگەرگەنلىكىنى، بۇرۇن ئادەملەر كۆپرەك كىتاب ئوقۇيدىغان بولسا بۈگۈنكى كۈندە رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور ۋە كىنولار ئارقىلىق مەلۇماتلارغا تېزلا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ خىل تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1تۈركىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋايىت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «جەڭچى» ناملىق تېلېۋىزىيە چاتما فىلىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىنىڭ بۇلارنى بىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە كېيىنكى يىللاردا كۆپ ساندىكى تېلېۋىزىيە چاتما فىلىمى تارقىتىلماقتا. تۈرك ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى ھۇن دۆلىتى مەزگىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى تۈرك ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2200-يىلى خاتىرىلەندى. بۇ تارىخ ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلى ۋە قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى 26-قىسمى تارقىتىلغان مەزكۇر چاتما فىلىمدا ئۇيغۇرلار بايان قىلىنغان قىسىملارنىڭ داۋاملىق بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت