ئەنقەرەدىكى فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى تەكىتلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.08.21
xelqara-turk-dunyasi-anatoliye-medeniyet-1.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مەزكۇر فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغۇچى، ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەلگە كۆكبايراق تەقدىم قىلدى. 2017-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-turk-dunyasi-anatoliye-medeniyet-2.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنى كۆرگۈچىلەر. 2017-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-turk-dunyasi-anatoliye-medeniyet-3.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2017-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-turk-dunyasi-anatoliye-medeniyet-4.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا تۈركىيەدىكى تونۇلغان ناخشىچى فەرھات گۆچەر ئەپەندى تونۇلغان شېئىر دېكلاماتسىيەچى ئۆسمۈر مۈجاھىت قەشقەرلى بىلەن. 2017-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

xelqara-turk-dunyasi-anatoliye-medeniyet-5.jpg

14-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا سەنئەتچى ئابدۇللاھ كۆسە ئەپەندى ئۆزى ئىجات قىلغان «شەرقىي تۈركىستانلىقلار يىغلىما» ناملىق ناخشىسىنى تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلماقتا. 2017-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئېچىلغان 14-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ 9-كۈنى يەنى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇيغۇرلارغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تونۇلغان كىچىك مۈجاھىت قەشقەرلى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، «تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان، كۈچلۈك دۆلەتلەر قۇرغان بىز ئۇيغۇرلار ھازىر ئەقەللىي ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم، ئىنسان ھەقلىرى نەدە؟» دەپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، سەنئەتچى ئابدۇللاھ كۆسە ئەپەندى ئۆزى ئىجات قىلغان «شەرقىي تۈركىستانلىقلار يىغلىما» ناملىق ناخشىسىنى، ئۆزبېك مۇزىكانت سابىر قارگەر ئەپەندى ئىجات قىلغان «ئانا يۇرت ناخشىسى» سىنى ئورۇنلاپ بەردى.

ئابدۇللاھ كۆسە ناخشا ئورۇنلىغاندا، كىچىك مۇجاھىد شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى لەپىلدىتىپ ئالقىشلىدى.

ئارقىدىن 14 يىلدىن بېرى بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ سابىق باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى رەھمەت نۇتقى قىلدى. ئۇ، قىلغان سۆزىدە، بۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندىگە ۋە تۈرك خەلقىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئەنقەرەنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئەتىمەسگۇت رايونىنىڭ باشلىقى ۋە رەپىقىسى، ھۆرمەتلىك كۆپچىلىك، ھەممىڭلارغا سۆيگۈ ۋە ھۆرمىتىمنى سۇنىمەن. ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بېرى مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى، تۈرك دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شۈكرانلىرىمنى سۇنىمەن، 14 يىلدىن بېرى مەدەنىيىتىمىزنى، تارىخىمىزنى مىليونلىغان كىشىگە تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە ئەمگەك سىڭدۈرگەن ھەممەيلەنگە قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئاخىرىدا خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ فېستىۋالغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن تون كىيدۈردى ۋە ئۇيغۇر قوغۇنى سوۋغات قىلدى.

ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مىسلىي كۆرۈلمىگەن ھالدا خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىنى، چېكىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرىنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۈگۈن سەھنىگە چىققانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە دەرد-ئەلەملەرنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ فېستىۋالغا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قاتناشتى، بۈگۈن سەھنىگە چىقتى، مەن ئۇلارنى تەبرىكلەيمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن، بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز.»

بىز ئاخىرىدا ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، كۈتكەن مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇللاھ كۆسە ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتا سەنئەتنىڭ رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۈگۈن سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ياخشى تونۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى تونۇلغان ناخشىچى فەرھات گۆچەر سەھنىگە چىقتى. ئۇ، قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشى ۋە ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك تىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مىركامىل قەشقەرلى تۈرك خەلقىنىڭ سەنئەت سۆيەر خەلق ئىكەنلىكىنى، داڭلىق سەنئەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى شەرقىي تۈركىستان كېچىسىنى قانال ب تېلېۋىزىيەسى، بەڭگۇ تۈرك تېلېۋىزىيەسى نەق مەيداندىن تارقاتتى. خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى شەرقىي تۈركىستان كېچىسىگە ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى ئەرقان خابەرال ئەپەندى، ئەزەربەيجان شىرۋان شەھىرىنىڭ باشلىقى، مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقتىن بولۇپ نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇرلارمۇ 14-قېتىم ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى ۋە كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.