تۈركىيەنىڭ «ساۋاشچى» ناملىق فىلىمىدا كۆك بايراققا ئورۇن بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017-12-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تۈركىيەنىڭ فوكىس تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە يېڭى قىسىملىرى تارقىتىلىۋاتقان «ساۋاشچى» ناملىق فىلىمىدىن كۆرۈنۈش.
تۈركىيەنىڭ فوكىس تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە يېڭى قىسىملىرى تارقىتىلىۋاتقان «ساۋاشچى» ناملىق فىلىمىدىن كۆرۈنۈش.
Social Media

تۈركىيەنىڭ فوكىس تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە يېڭى قىسىملىرى تارقىتىلىۋاتقان «ساۋاشچى» يەنى «كۈرەشچى» دېگەن نامدىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ بۇ ھەپتىلىك 23-قىسمىدا ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىندى.

فىلىمدا سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر سەنئەتچى، ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر» دەپ رول ئالغان بولۇپ، 23-قىسىمدا «قىلىچ ئەترىتى»نامدىكى تۈرك ئەسكەرلەر سۈرىيەدىكى تۈركمەن يېزىسىغا بارغاندا، ئۇ يەردە 70 ياشلىق بىر بوۋاي بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇ بوۋاينى سورىغان ئەسكەرلەرگە قوماندانى مۇنداق دەپ تونۇشتۇرىدۇ؛ «بۇ بوۋاي ئابدۇلۋاھىت ئەلتۈركىئى ، 24 يىل سادامنىڭ تۈرمىسىدە ياتقان، ھاياتى بويىچە تۈركمەنلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مۇھىم كىشى، بۇ يېزىدا ھەممە كىشى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ».

بوۋاي ئەسكەرلەرنىڭ كىيىملىرىدىكى تۈركىيە بايرىقىنى كۆرۈپ، «بىر مىنۇت ساقلاڭلار»، دەپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ ۋە قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»نى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بوۋاي كۆك بايراقنى ئەسكەرلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بىلەمسىلەر ئوغۇللىرىم! بۇ كۆك بايراق. بۇ ئىككى ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ بىرلىشىشىنى قانچە ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتىمىز، مەن بۇ ئىككى بايراقنى ئايرىشقا قانداقمۇ كۆزۈم قىيسۇن»دەيدۇ.

بوۋاي ئۇلاردىن ھەر بىرىنىڭ يۇرتىنى سورايدۇ، بىرى ئۆزىنىڭ چاناققەلئەدىن ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرى ئەنقەرە، يەنە بىرى دېڭىزلىدىن، دەيدۇ، يەنە بىر ئەسكەر ئۆزىنى ئەزەربەيجاندىن، دەيدۇ. كۇرشات ئىسىملىك ئەسكەر،«مەن بەك يىراقتىن تاغا، يەنى شەرقىي تۈركسىتاندىن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ ۋە«شەرقىي تۈركىستاندىن» دېگەن ئەسكەرنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ مۈرىسىنى تۇتىدۇ.

بوۋاي ئۇ ئەسكەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سەن شەرقىي تۈركىستاندىن شۇنداقمۇ؟ بىر كۈنى ئاللا نېسىپ قىلسا، سەن ئۇ يەرگە قايتساڭ، يېشىڭ 70 ياكى 90 غا كىرگەندە بولسىمۇ قايتساڭ ئۇ يەردىكى ھەر بىر تۈركنىڭ پىشانىسىغا سۆيۈپ قويارسەن. ئۇلارغا، مەن سۈرىيەدىكى ۋاقتىمدا پۇت قولى بوشاپ كەتكەن بىر ياشانغان تۈركمەن بوۋاينى كۆردۈم دېگىن. كېيىن ئۇلارغا: يەر شارىدا بىر بۆرە ئۆيگە ئۆگىتىلىپ ھەرگىزمۇ ئىتقا ئايلاندۇرۇلمايدۇ دېگىن. ۋە يەنە تۈركلەر ھەرگىزمۇ ئەسىرگە چۈشمەيدۇ، قۇياش بىر كۈنى چوقۇم چىقىپ نۇر چاچىدۇ، دېگىن. مېنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ بۇ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا ئەينەن يەتكۈزگىن»

بوۋاي قولىدىكى تاپانچىنى ئۇيغۇر ئەسكەرگە ئۇزىتىپ تۇرۇپ، «بۇ تاپانچا فەخرى پاشا زامانىدىن مىراس قالغان. بۇنى ساڭا ھەدىيە قىلاي، خالىساڭ يېنىڭدا ساقلا، خالىساڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرىگە ھەدىيە قىلارسەن»،دەيدۇ. ئۇ كۇرشات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئەسكەر باشتا رەت قىلىدۇ، كېيىن بوۋاينىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن تاپانچىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بوۋاينىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنى سۆيۈپ، ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ ۋە رەھمەت ئېيتىدۇ.
ئەسكەرلەر كوماندىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىقىدۇ. بوۋاي قولىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتكەن ھالدا ئەسكەرلەرنى ئۇزىتىپ قويىدۇ.

«ساۋاشچى»ناملىق بۇ فىلىم تۈركىيەدە ھازىر ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كۆپ قىسىملىق فىلىم بولۇپ، ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە كۆرۈرمەنلەر يېڭى قىسىملىرىنى قىزىقىپ كۆرمەكتە. مەتبۇئاتلاردا ھەر بىر قىسىم توغرىسىدا ئالاھىدە خەۋەرلەر تارقىتىلماقتا. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر قىسمىدىمۇ ئۇيغۇر ئەسكەر بىلەن قوماندانى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قىسقىچە دىئالوگ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

بۇ فىلىمنىڭ مۇشۇ قىسىملىرى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە بولغان 3 كۈن ئىچىدە يۈتۈبى فىلىم تور بېكىتىدە 39 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن ۋە كۆپلىگەن ئىنكاسلار يېزىلغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ، ئەنقەرە ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىلەر مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت