فىلادېلفىيەدىكى «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» يىغىنىدىن كۆتۈرۈلگەن سادالار

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.10.10
uyghur-akademiye-2017-yighin-amerika-2.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار خاتىرىسى. 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا.
RFA/Qutlan

8‏-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلغان ئىدى. بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ يىغىننىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ يىغىن ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى ھەققىدىكى يىغىنغا ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشقان ئىدى. بۇ يىغىن، ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا ئېچىلغان تۇنجى بىر يىغىن بولۇشى ھەم شۇنداقلا يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋاقتى سەۋەبلىكمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىل» دەپ ئاتىلىۋاتقان، ئەمما خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپىنى يەسلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇشنى يۈز پىرسەنتكە يەتكۈزەي دەپ قالغان ۋە بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى بىردەك چەكلەنگەن مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى. يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر تىلى ھازىرغىچە ئوخشىمىغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقىدەك ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزچىللىقىنى قوغداش ھەققىدە سۆز قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم ۋەزىيەتنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىدى : «ئۇيغۇر تىلى ئىلگىرى مائارىپتا قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقى، ئاخباراتچىلىق ۋە شۇنىڭدەك باشقا ساھەلەردە قوللىنىلغان ۋە شۇ ئاساستا ئۇيغۇر تىلى ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئەمدى بولسا ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن قالدۇرۇلدى. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر تىلى ئىقتىسادتا ۋە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان باشقا بارلىق كەسپىي ساھەلەردە ئىستېمالدىن قالىدۇ، دېگەنلىك. قىسقىسى بۇ بىر تىلنىڭ يوقىتىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».

ئۇيغۇر ئانا تىلى ئۇچراۋاتقان بۇ جىددىي كرىزىس ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سېلىۋاتقان بولۇپ، فىلادېلفىيەدىكى يىغىندىن كېيىنكى سۆھبەتلەردىمۇ قانداق قىلغاندا بۇ تىلنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ، نېمە خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەك دېگەن سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا قىزغىن مۇنازىرىلەر بولغان. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىزغا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيالىيلار ئانا تىلنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئىمكانىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان بىر شارائىتتا بۇ تارىخى مەسئۇلىيەتنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ يىغىن بىلەن باشلانغان بۇ ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆپ زىيالىيلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىممۇ بۇنىڭ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ۋە مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر چەتئەللەردە ياشايدىغان، ئۇ يەرلەردە ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى بۇ ئەۋلادلار ئارقىلىق ساقلاپ قېلىش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇندىن كېيىن تۈركىيە چېگرالىرىدىن ھالقىپ، مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىمۇ ئۇيۇشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش يولىدا ئېچىلغان بۇ يىغىن پەقەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىقىشىنىلا قوزغاپ قالماستىن بەلكى ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنىمۇ قىزىقتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋاشىنگتون شتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ئالېكساندىر ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر مائارىپىنى جۈملىدىن، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا بېسىلغان بۇ قەدەم يىغىن باشقۇرغۇچىسىنىڭ: «يول ئاچقۇچىلار بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر ھامان چىقىدۇ»، دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاياغلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.