ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە ساقلىق مەسىلىلىرىدە خالىس ياردەمدە بولماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.10.10
uyghur-akademiye-2017-yighin-amerika-3.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر قىسىم زىيالىيلارغا خاتىرە بۇيۇم تارقىتىلدى. 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا.
RFA

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پىلانلىشىدا، فىلادېلفىيە درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيە ۋەكىللىرىدىن ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ۋە ئەخمەتجان پولات ئەپەندىلەرنى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇچراۋاتقان ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلىلەر شۇنداقلا يېقىنقى مەزگىللەردە مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار ئالدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.