گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداشقا تېرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.02.11
germaniyede-uyghur-ayallar.JPG گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىش سېپىدە. 2015-يىلى ئىيۇل، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئايدا بىر نۆۋەت تىلاۋەت سورۇنى تەشكىللەپ، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى رەئىسى گۈلنار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ميۇنخېن شەھىرى ۋە ئەتراپ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئايدا بىر نۆۋەت بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەر تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز چاي سورۇنلىرى ئورنىغا مۇشۇنداق تەربىيىۋى قىممىتى زور بولغان پائالىيەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرۇشى تەشەببۇس قىلىنغان.

بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى «پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دەپ ئىزاھلىغان گۈلنار خانىم، پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن يېتىلدۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى مۇكەممەل ساقلىشى لازىملىقىنى ۋە بۇ يولدا ئەجىر قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى.

گۈلنار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى پائالىيەتكە ھەر قېتىم 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتناشقاندىن سىرت، دىنىي جەھەتتە بىلىمى مول بولغان تۈرك بۈۋىلەرمۇ قاتنىشىدىكەن ۋە ئۇلارغا ئىسلام ئەقىدىسىگە دائىر بىلىملەر بېرىدىكەن. پائالىيەت بەزى چاغلىرى تۈرك مەسچىتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بەزىدە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ زاللىرىغا، يەنە بەزىدە مەخسۇس كىراغا ئالغان زاللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. دىنىي جەھەتتە بىلىمى يىتەرسىز بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نىسبەتەن، بۇ كەم تېپىلىدىغان بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدىكەن.

پائالىيەت ئارىسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز ئۆيلىرىدە ھازىرلاپ كەلگەن يېمەكلىكلەردىن ھەممە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، مىللىتى ۋە پەرزەنتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ۋەتەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا ئۇچۇرلار بېرىش ئارقىلىق، ھەر جەھەتتىن تونۇشلىرىنى ئۆستۈرۈشكە تېرىشىدىكەن. بۇ پائالىيەت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلىكىنى كۈچەيتىشتىمۇ بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ تىلاۋەت سورۇنىغا داخىل بولۇپ كەلگەن رابىيە ئابلا خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتكە بولغان مەمنۇنىيىتى ئىپادىلىدى.

گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىياپىتى ئامانگۈل خېنىممۇ بۇ تىلاۋەت سورۇنىنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە، ئانىلارنىڭ مىللەت ۋە پەرزەنت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنىڭ زورلۇقىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن تۇرسۇنگۈل خانىممۇ پەرزەنتلەرنى دىنىي جەھەتتىن ياخشى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.