ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى نېمە دەيدۇ؟ (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.11.26
Qutlan-resim.jpg داستانچى ئوبۇلھەسەن كېرەم تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر داستانلىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا نەق مەيداندا داستان ئېيتىپ ماھارەت كۆرسەتمەكتە. 2015-يىلى ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
RFA/Qutlan

ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن مول تارىخىي ئۇچۇرلار ۋە ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن ئاغزاكىي تارىخچىلىق ئەنئەنىسى يېقىندىن بۇيان دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

مەلۇمكى، داستانچىلىق ئۇيغۇر ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەردە ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي بەدئىي-تارىخىي ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى.

تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا ياراتقان «ئوغۇزنامە»، «دەدە قورقۇت»، «گۆر ئوغلى» «ماناس»، «ئالپامىش» قاتارلىق بىر يۈرۈش قەھرىمانلىق داستانلىرى دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى «گىگانت ئېپوسلار» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئېپوس تەتقىقاتچىلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تارىخىي داستانلىرىنى قەدىمكى سومېرلارنىڭ «گېلگامىش»، يۇنانلىقلارنىڭ «ئودېسسا» ۋە «ئىلىئادا»، گېرمانلارنىڭ «نېبولوڭگېن ناخشىسى»، موڭغوللارنىڭ «جاڭغىر»، تىبەتلەرنىڭ «گېسار» قاتارلىق ئېپوسلىرى بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالىدۇ.

گېرمان كلاسسىك پەيلاسوپى ھېگېل ئۆزىنىڭ «ئېستېتىكا» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئېپوس ياكى تارىخىي داستانلارغا تەبىر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئېپوس ياكى داستان بىر قوۋمدا مىللىي ئاڭ ئەمدىلا بىخ سۈرگەن دەۋردە ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇر ئالىمىدە قولغا كەلگەن تۇنجى پىششىق مېۋە».

ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى داستانچىلىق ئەنئەنىسىگە باي ئەڭ قەدىمكى خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تارىخىي داستانلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تارىخىدا يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەر ۋە ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەرگە بولغان ئىنكاسى ھەم ئىچكى تۇيغۇسىنىڭ بەدىئىي يول بىلەن ئەكس ئېتىشىدۇر، دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرلاردا تارىخىي داستانچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى، ھەتتا 1912-يىلى يۈز بەرگەن تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭىدىن كېيىن قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا «تۆمۈر خەلپە» ھەققىدە ئېيتىلغان داستاننىڭ بۈگۈنگىچە ئېيتىلىپ كەلگەنلىكى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ دەلىللەيدۇ.

ئۇيغۇر تارىخىي داستانلىرى ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن تاكى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ئۆز تارىخىنى بايان قىلىشتا يازما ئۇسۇلغا قارىغاندا قىسسە ياكى داستاندىن ئىبارەت ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسىگە بەكرەك تايانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنى بىلىشتە تارىخىي داستانلارنىڭ يازما مەنبەلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرىنىڭ بەدىئىي ژانىر جەھەتتە ھەم شېئىرىي ھەم نەسرىي شەكىلنى تەڭ قوللانغانلىقىنى؛ ئېيتىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئاغزاكى ھېكايەت ئۇسۇلى بىلەن مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئورۇنلاش ئۇسۇلىنى تەڭ قوللانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇيغۇر داستانچىلىقىدىكى ئاغزاكىي تارىخچىلىق ئەنئەنىسى بىلەن ئۇنىڭغا سىڭگەن چوڭقۇر مىللىي روھ ئۇزۇندىن بۇيان كۆپلىگەن سەنئەتكارلار، ئەدىبلەر ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنى كۈچلۈك جەلپ قىلماقتا.

يەرشارىلىشىش ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تىنىمسىز زەرەتلىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن بارغانسېرى تىنىقى ئۆچۈپ كېتىۋاتقان تارىخىي داستانچىلىق ئەنئەنىسى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى «تارىخىي داستانلار بۈگۈنكى كۈندە ياش ئەۋلادلارغا ۋەتەننى سۆيۈش، مىللىي قەدىرىيەتنى ھېس قىلدۇرۇش ھەمدە ئۆتمۈشتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ جانلىق تارىخىي دەرسلىك» دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.