ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك: «كىنوچىلىق ئىشلىرىمىزدىمۇ مىللىي كوللېكتىۋىزم شەكىللىنىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.05.24
abduraxman-oz-turk-7.jpg

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈركنىڭ «باياز بالىنا» ناملىق كىنوسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.

abduraxman-oz-turk-6.jpg

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈركنىڭ كىنو ئىشلەش جەريانىدىن كۆرۈنۈش.

abduraxman-oz-turk-5.jpg

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈركنىڭ كىنو ئىشلەش جەريانىدىن كۆرۈنۈش.

abduraxman-oz-turk-4.jpg

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈركنىڭ كىنو ئىشلەش جەريانىدىن كۆرۈنۈش.

abduraxman-oz-turk-3.jpg

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈركنىڭ كىنو ئىشلەش جەريانىدىن كۆرۈنۈش.

abduraxman-oz-turk-2.jpg

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈركنىڭ كىنو ئىشلەش جەريانىدىن كۆرۈنۈش.

abduraxman-oz-turk-1.jpg

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈركنىڭ كىنو ئىشلەش جەريانىدىن كۆرۈنۈش.

ئۇيغۇر كىنوچىلىق ئىشلىرى خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى، مىللىي مەدەنىيەت، دىن ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ساھەدىكىلەر ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا ھەقىقىي تەتقىقات، ئىزدىنىش، پۇل-مال ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي كەسپىي ئىنتىلىش، مىللىي ئاڭ كەم بولۇپ قالدى دەپ قارىماقتا. ئەمما يېقىنقى يىللاردا چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇر كىنوچىلىق ئىشلىرىنى ئويغىتىش يولىدا مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.

دەسلىپىدە بىر ھەۋەسكار سۈپىتىدە كىنوچىلىققا قىزىقىپ، توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى، بۇلتۇر تۈركىيەدە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ «ئاق كىت» كىنوسىنى روياپقا چىقارغان ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا ئۇيغۇرلار تېمىسىدا يېڭى بىر كىنو ئىشلەش ئويىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ مەركىزى بولغان ھوللىۋود قا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇۋاتماقتا.

بۈگۈن رادىئومىزدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياش رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك «كىنو ئۆزىمىزنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولالايدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى كىنو ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە كىنوچىلىققا قىزىققان، بەل باغلىغان ھەر قانداق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەنى قوللىشى، قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار كىنوچىلىق ئىشلىرىدىمۇ مىللىي كوللېكتىۋىزملىق شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم، بىرلىكتە ئىزدەنسەك، چوقۇم دۇنياغا ئۇيغۇرنى تونۇتىدىغان نادىر كىنولارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.