ميۇنخېندىكى مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكىدە ئۇيغۇرلارمۇ نومۇر كۆرسەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.03.06
Myunxen-medeniyet-senet-uyghur-osmur.jpg ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە. 2017-يىلى 4-مارت، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

4-مارت ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشتى.

ميۇنخېن شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شەھەرنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرىنى جامائەت سورۇنلىرىدا ئاشكارا نامايان قىلىش پائالىيىتى بۇ يىل 40-يىلىغا قەدەم باسقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ميۇنخېندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىم ۋە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياش ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان خالىسە خانىم يېتەكچىلىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىشتىراك قىلغان.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان خالىسە خانىم يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرى ميۇنخېن ۋە ئېتىراپتىكى شەھەرلەردە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى گېرمانىيە جامائىتىگە تونۇتۇپ كېلىۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان. نەپىس ئۇيغۇر ئۇسۇلى ۋە مۇزىكىلىرى يىلدىن-يىلغا كۆپلىگەن گېرمانلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك شەكىللەردىكى سەنئەت كۆرەكلىرىگە تەكلىپ قىلىنىدىغان ھالغا يەتكەن.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىممۇ خالىسە خانىمنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يات مىللەتلەرگە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتىنى تونۇتۇش يولىدا تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

4-مارت كۈنى شەھەرنىڭ ئاۋات سودا ۋە ساياھەت مەركىزى بولغان شۇنداقلا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسى جايلاشقان مەريەم مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىدە شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ بەرگەن. پائالىيەت مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىم بۇ قېتىم پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلار كۆرسەتكەن نومۇرلارنىڭ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت نومۇرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، نۇرنىسا خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە تاماشىبىنلارغا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قېتىملىق سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىر ئەنئەنە شەكلىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

نۇرنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سەنئەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تۆت نومۇر ئورۇنلىغان. سەنئەتكارلار كىيىم ئالماشتۇرغۇچە بولغان قىسقا ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان نۇرنىسا خانىم، بۇ ئارىدا گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن مەلۇماتلار بېرىپ، ئەتراپتىكى ئاممىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇتۇشقا تېرىشقان.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۆتكەن بىر يىلدا نۇرنىسا خانىم بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپ قېتىم سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. نۇرنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى قوللىغان تەقدىردە 2017-يىلى ئىچىدە يەنە بىر يۈرۈش سەنئەت پائالىيەتلىرىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىدىكەن.

نۇرنىسا خانىم زىيارىتىمىز خاتىمىسىدە، ئۆزىنىڭ باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى.

سۈرەتتە: 4-مارت ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى نومۇر كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.