ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پورترېت سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فىرۇزە
2017.09.25
Uyghur-meshhurliri-suret-1.jpg

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پورترېت سۈرەتلىرى. 2017-يىلى سېنتەبىر، قىرغىزىستان. RFA/Firuze

Uyghur-meshhurliri-suret-2.jpg

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پورترېت سۈرەتلىرى. 2017-يىلى سېنتەبىر، قىرغىزىستان. RFA/Firuze

Uyghur-meshhurliri-suret-4.jpg

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پورترېت سۈرەتلىرى. 2017-يىلى سېنتەبىر، قىرغىزىستان. RFA/Firuze

Uyghur-meshhurliri-suret-5.jpg

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پورترېت سۈرەتلىرى. 2017-يىلى سېنتەبىر، قىرغىزىستان. RFA/Firuze

Uyghur-meshhurliri-suret-3.jpg

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پورترېت سۈرەتلىرى. 2017-يىلى سېنتەبىر، قىرغىزىستان. RFA/Firuze

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر تارىخىي مەشھۇرلىرىنىڭ پورترېت سۈرەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

«مەشھۇرلارنىڭ سېيماسى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۆرگەزمە 14- سېنتەبىردىن 1- ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ. كۆرگەزمىدە 85 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.

مەزكۇر كۆرگەزمىنى پېشقەدەم رەسسام سابىتجان باباجانوف قىرغىزىستاندا ئېلان قىلىنغان «ئەدەپ-ئەخلاق يىلى»غا بېغىشلىدى.

ئۇ، قىرغىزىستان سەنئىتىگە قوشقان ھەسسىلىرى ئۈچۈن 1993 يىلى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەمگەك سىڭدۈرگەن رەسسام» دېگەن ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

رەسسامنىڭ ئېيتىشىچە، كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالىم، مۇتەپەككۇر ۋە تارىخىي قەھرىمانلىرىنى ئەسلەش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئىكەن.

رەسسام سابىتجان ئاكا 2002 - يىلى، مۇشۇ مەزمۇندىكى بىر كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئەينى يىلى كۆرگەزمىگە پەقەت 20-25 پارچە رەسىم قويۇلغان ئىدى. ئەمما، نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان كۆرگەزمىگە ئۇ، ئۆتكەن 15 يىل جەريانىدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 85 پارچە تارىخىي شەخسنىڭ پورترېتى قويۇلدى.

ئۇيغۇر ئېلى، ئانا-ۋەتەن تېمىلىرى رەسسامنىڭ ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ رەسىملىرى ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقەرى، ئەلىشىر ناۋايى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەخمەتجان قاسىمى، سادىر پالۋان قاتارلىقلار كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

كۆرگەزمىنى كۆرگەن «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىر نامزاتى رەھىمجان ھاپىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىنىڭ پورترېتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا كۆرگەزمە قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئورۇن بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

رەھىمجان ھاپىزنىڭ ئېيتىشىچە، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك، دىنىي ئېتىقاد ۋە تىل ئىشلىتىش ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى يېقىندا بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقارغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرس قىلىپ ئۆتۈلمىگەن شارائىتتا، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆز تارىخىي مەشھۇرلىرىنى بىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىدىكەن.

كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان سەنئەت سۆيەرلەر سابىتجان باباجانوفنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوف 2016- يىلى موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋە رۇس خەلقىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تونۇشتۇرغان ئىدى.

سابىتجان ئەپەندى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەنئەت بايرىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق ئەنئەنىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئېھسان» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.