فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا ژۇرنالىست سيلۋىې خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-12-29
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
2010-يىلى فىرانسىيەدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر دۆلىتىگە ساياھەت» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى سيلۋىې لاسسەررە خانىم قەشقەردە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
2010-يىلى فىرانسىيەدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر دۆلىتىگە ساياھەت» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى سيلۋىې لاسسەررە خانىم قەشقەردە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Qutluq

2010-يىلى فىرانسىيەدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر دۆلىتىگە ساياھەت» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى سيلۋىې خانىم يېقىندا فىرانسىيە سۋىس رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتلەر پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

سيلۋىې خانىم تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ئەمەسلىكىنى، ئۆز تۇپراقلىرىدا ياشاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ژۇرنالىست سيلۋىې خانىم تېلېۋىزور سۆھبىتىدە يەنە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ۋە شۇنداقلا «كۇنمىڭ ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان.

يوقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت