گېرمانىيەدىكى «رېفېرانس» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش ھېكايىلىرى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.10.18
shaire-nurela-kokturk-sheir-festiwal.jpg خەلقئارالىق شېئىر فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم قاتناشتى. 2015-يىلى مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

گېرمانىيەدە تۈرك تىلىدا چىقىدىغان «رېفېرانس» ژۇرنىلىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ «تەڭرىتېغىدىن ئەرجىيەس تېغىغىچە كۆچۈش ھېكايىسى» ماۋزۇلۇق 4 قىسىملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۆزىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ، تۈركىيەدە چوڭ بولغان نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ماقالىسىدە 1964-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ، ماقالىدە ئۆزىنىڭ ئۈچ ياش ۋاقتىدا تۈركىيەگە كەلگەندىن بۈگۈنگىچە بولغان ھاياتىدا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدە قانداق ئاڭلاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن قانداق تەربىيىلەنگەنلىكىنى تەسىرلىك بايان قىلغان.

نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم 2007-يىلىدىن تارتىپ «تەڭرىتېغىدىن ئەرجىيەس تېغىغىچە كۆچۈش ھېكايىسى» نامىدا بىر كىتاب يېزىشقا باشلىغانلىقىنى، يېقىندا گېرمانىيەدە چىقىۋاتقان «رېفېرانس» ژۇرنىلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى توغرىسىدا ماقالە يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن 4 قىسىملىق بۇ ماقالىنى يازغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ يېزىشقا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كۆچمەن ئىكەنلىكىنى، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى، شۇڭا ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بۇ ماقالىلەرنى يازغانلىقىنى بايان قىلدى.

شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئۆزىنىڭ 3 ياش ۋاقتىدا يۇرتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ناھايىتى خەتەرلىك يوللارنى بېسىپ ئافغانىستانغا كەلگەنلىكىنى، ئافغانىستاندا 4 يىل تۇرغاندىن كېيىن، 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، قەيسەرىدىكى 2-3-ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتىنىنى ئۇنتۇپ قالماي، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» نى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى

بىز مەزكۇر 4 ماقالە توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى جىددىي كرىزىسقا ئۇچراۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىمۇ مەزكۇر ماقالىنىڭ ھازىر يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم بۇلارنىڭ سىرتىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دوكلاتلارنى بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتماقتا. ئۇ ئىلگىرى يەنە «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.