ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ: ئۇسۇلىمىزنى قايتۇرۇۋالدۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-11-08
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

2017-يىللىق بالىلار بايرىمىدا جەنۇبى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ تۇنجى قېتىم خىتاي مەكتەپلەر يىللاردىن بېرى تالىشىپ ئويناپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى تولۇق ئۆز قولىغا قايتۇرۇۋالغان.

27-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەدە بالىلار بايرىمى بولۇپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بالىلارنىڭ شادىمان كۈلكىلىرى بىلەن جانلىنىپ كېتىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادېلەيد شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر مەكتىپى بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، شۇ كۈنكى كۆرەكتە ئۇلار «ئۇيغۇر قىزى» دېگەن ناخشىغا كەلتۈرۈپ كوللېكتىپ ئۇسۇل ئوينىغان. مۇئەللىملەر ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ قېتىمقى بايرامدا ھەر يىلقىدىن بەكرەك پۇخادىن چىققان بولۇپ، ھەر يىلى ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى خىتاي ئۇسۇلى دەپ ئويناپ چىقىدىغان خىتاي مەكتەپلىرىنى يېڭىپ ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ئۆز قولىغا تولۇق قايتۇرۇۋالغان. خىتاي مەكتەپلىرى بۇ يىل يەرلىك مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئۇسۇلىغا قارشى داۋام قىلغان «مەدەنىيەت تاجاۋۇزى»نى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

ئادېلەيد شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر مەكتەپ ۋە تۆت خىتاي مەكتەپ بار بولۇپ، ھەر يىلى خىتاي مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى «خىتاي ئۇسۇلى »دېگەن نامدا ئويناپ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغان ئىكەن. ھەر يىلى بالىلار بايرىمىدا ئۇيغۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار خىتاي مەكتەپلەر بىلەن تالاش تارتىش قىلغان، ئاتا-ئانىلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنازىرىلەشكەن. ئەمما ھەرقانداق قىلىپ خىتاي مەكتەپنىڭ بۇ «مەدەنىيەت تاجاۋۇزى»نى توسالمىغان. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ھەر يىلى بالىلار بايرىمىدا ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى خىتاي مەكتەپ تەييارلىغان «ئۇيغۇر ئۇسۇلى» نىڭ ئالدىغا تىزدۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، خىتايلارنىڭ مەكتىپى تۆت، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بولغاچقا ھەمىشە ھەممىسىنىڭ ئالدىغا تىزدۇرۇشقا ئىمكان بولمىغان.

2016-يىلى، مەكتەپنىڭ مۇدىرى زۇلپىيە خانىم مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئادېلەيد شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە خەت يازغان. ئۇ خېتىدە خىتاي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ ئويناپ چىقىشى، ھەتتا خىتايچە مۇزىكىلار بىلەن سەھنىگە ئېلىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مەكتىپى نامىدىن بۇ ئىشقا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. مائارىپ دائىرىلىرى بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ ئۇيغۇر مەكتەپنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزۈپ خىتاي مەكتەپلىرىنى بۇ ئىشتىن توسقان ئىكەن.

زۇلپىيە خانىم ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى خىتاي مەكتەپلەردىن قايتۇرۇۋېلىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنۇر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ يىلقى غەلىبىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلغانلىقىنى، بالىلارنىڭ پائالىيەتكە بەكمۇ قىزغىن ماسلاشقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭ ۋە رېتىم ئىچىدە يېتىلىپ چىقىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت، مۇزىكا ئىقتىدارنىڭ يېتىلىشىگە بولغان ئاكتىپ تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى، مەرھۇم ئۇيغۇر شائىرى تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ قىزى يۇلتۇز تېيىپجان خانىم ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى چەتئەللەردە ئىزچىل ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قارىشىچە، ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بولىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت