تارىخىي شاھىت خىتاينىڭ 1950-يىللاردىكى سىياسىي تەقىبلىرى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-01-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تارىخىي شاھىت مەسئۇد ئەخمەتوف ئەپەندى. 2017-يىلى 19-دېكابىر.
ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تارىخىي شاھىت مەسئۇد ئەخمەتوف ئەپەندى. 2017-يىلى 19-دېكابىر.
RFA/Oyghan

تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1949-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا ئېلىنىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي چارە-تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور ساندىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى ئاممىۋى تۈردە ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈشكە كىرىشكەن. 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا «ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى كۈرەش»، «ئۈچكە قارشى»، «بەشكە قارشى» دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق شەھەر ۋە يېزىلاردا ئوچۇق سوتلار ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نىلقا ناھىيەسىگە قاراشلىق ئۇلاستاي يېزىسىدىمۇ خۇددى شۇنداق ئوچۇق سوتلار ئۆتكۈزۈلۈپ، سوتقا تارتىلغانلار خەلق ئالدىدا سازايى قىلىنغان.

1926-يىلى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق كىچىك ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، 1930-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باي-كۇلاكلارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مەسئۇد ئەخمەتوف ئەنە شۇ دەۋرلەرنىڭ تىرىك شاھىتىدۇر. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا 1930-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ستالىننىڭ قانلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تەكرارلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «خىتاي ھەربىي مەمۇرىي سىستېمىسى بۇ ھەرىكەتلەرنى شۇنداق ئۇيۇشتۇرغان ئىدىكى، بۇ خىل ئۇزاققا سوزۇلغان پاجىئەلىك ئويۇنلارنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ھامان خەلق ئاممىسى بولاتتى. بارلىق قاتلاملاردىكى ۋە بارلىق كەسىپلەردىكى ئادەملەر بىر-بىرىنى پاش قىلىشقا باشلىدى، بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرى ئۈستىدىن مەلۇمات بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى. ھەتتا ئەر-ئاياللارمۇ بىر-بىرىنى ئايىمىدى. ئەمدى مەخپىي ساقچى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاكتىپلار توپلىرى يەرلىك كادىرلارنى تەقىبلەپ، بارلىق تەخمىن قىلىنغان ‹جىنايەتچى› لەرنى ئۆز سوتلىرىدا سوتلاشقا ئېلىپ كېلەتتى.»

مەسئۇد ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت ئىبراھىم نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان، ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىن كۆپ ياردەملەشكەن ھاللىق دېھقان ۋە ئەللىكبېشى بولۇپ، ئۇ 1946-يىلى ۋاپات بولغان ئىكەن. مەسئۇد ئەخمەتوف ئۆزىنىڭمۇ 1950-يىللاردا بەزى يۇرتداشلىرىنىڭ ‹پاش قىلىشى› غا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئامان قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇد ئەخمەتوفنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا سوتلانغانلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ يېقىن سەپداشلىرى ۋە بىر قىسىم مىللىي ساقچىلارمۇ بولغان ئىكەن. بۇ چاغدا غۇلجا شەھىرىنىڭ سىرتىغا چوڭ سەھنە ياسىلىپ، ئۇنىڭغا مىكروفونلار ئورنىتىلغان. بۇ يەرگە كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى غۇلجا ئاھالىسى بولۇپ، سوتلانغانلار ماشىنىلاردا ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇلارنىڭ مەيدىلىرىگە ھەر خىل خەتلەر يېزىلغان تاختايچىلار ئېسىلغان ئىكەن.

مەسئۇد ئەخمەتوفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر قېتىملىق سوتنىڭ ئۆزىگىلا بىر نەچچە ماشىنىدا تۇتقۇنلار ئېلىپ كېلىنىپ، ھەر قايسىسىغا ئايرىم ھۆكۈم چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەربىيلەر، ساقچىلار، كادىرلار، دېھقانلار، ئىماملار، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقىلار بولغان. ئېتىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار سوت بولغان يەردىن ئېلىپ كېتىلىپ، مەخسۇس جايلاردا ئۇلارنى جاللاتلار كۈتۈپ تۇرغان. مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى تىزلاندۇرۇلۇپ، ئارقىسىدىن بېشىغا ئېتىلغان ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كېيىنكى يىللىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى»، «ئۈچ قىزىل بايراق»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «ئوڭچى ئاغمىچىلىققا قارشى كۈرەش» ۋە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» دېگەنگە ئوخشاش سىياسىي ھەرىكەتلەردە، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» جەريانىدا كۆپلىگەن خەلقلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق زەرداب چەككەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت