ئالماتادا ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.04.15
ziya-semedi-1.jpg زىيا سەمەدى (بىرىنچى قاتار ئوڭدا). ئۈرۈمچى، 1950-يىلى.
RFA/Oyghan

13-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، ئاتاقلىق دراماتورگ زىيا سەمەدى تەۋەللۇدىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

ئالدى بىلەن مەرھۇمغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، تىجارەتچىلەر، سانائەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلمۇرات قۇزىيېف، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رابىك ئىسمايىلوف، ئالماتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دىلشات ناسىروف، ئاكادېمىك غوجاخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ رەپىقىسى ئوماق ھاسانوۋا ۋە باشقىلار ز. سەمەدىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىدىكى رولىنى، ئۇيغۇر ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوستلۇق مەھەللىسى ئاكتىپلىرىنى بىرى زېرىپ مولوتوف ز. سەمەدىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى:
-خەلقىمىزنىڭ نامايەندىسى، ئۇلۇغ يازغۇچىسى، بىز ئۈچۈن ئۇلۇغ بولغان زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان نەزىر-چىراغ بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا زىيا ئاكىنىڭ كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلىرى قاتارىدا مەنمۇ شۇنىڭغا قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. زىيا ئاكا توغرىلىق بىز 50-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا دەسلەپكى قېتىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرىسلىكىدە بىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى بىر قانچە يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پارچىلار بېرىلگەن كىرگۈزۈلگەن دەرسلىك بىرىنچى قېتىم بىزنىڭ قولۇمىزغا تەگدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا، 1958-يىلى بىرىنچىلەردىن بولۇپ ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىدۇق. ئۇ ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى 8-9-10-سىنىپلارغا بېغىشلانغان دەرسلىكلەر يوق ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئەنە شۇ ئەدەبىيات دەرىسلىكىنىڭ ئىچىدە زىيا سەمەدى، ئەلقەم ئەختەم، ئىبراھىم تۇردى ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پارچىلار كەلتۈرۈلگەن ئىكەن. مانا شۇ ز. سەمەدى دېگەن كىشىنىڭ «ئىلى دەرياسى بويىدا» دېگەن كىنو-سىنارىيىسىدىن پارچە بېرىلگەن. ئەنە شۇنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ باش قەھرىمانى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىغا قاتناشقان سابىرنىڭ ھاياتى ئىنقىلاب دەۋرىدە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىكى كۈرەش داۋامىدا چېنىقىپ، كامالەتكە يېتىپ، مايور دەرىجىسىگىچە يەتكەن ھايات ئېقىمى كۆرسىتىلگەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتلاردا بىز، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئەدەبىياتنى، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ئەنە شۇنى بىر-بىرىمىزنىڭ قولىدىن تالىشىپ ئوقۇپ، شۇنداق مەغرۇرلۇق بىلەن "بىزدىمۇ مۇشۇنداق يازغۇچىلار بار ئىكەن. شۇلارنىڭ بىرى زىيا سەمەدى ئوخشاش يازغۇچىلار، ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق يازغۇچىلىرى بار ئىكەن، شۇلارنىڭ بىرى زىيا سەمەدى ئىكەن، دەپ ھەيران بولاتتۇق.

يازغۇچى ي. تايىروف زىيا سەمەدى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
-زىيا ئاكا 1944-يىلى تۈرمىدىن قايتىپ چىققاندا غۇلجىنىڭ بارلىق تونۇش-بىلىشلىرى، ئەل-ئاغىنىلىرى ئۇنى تەبرىكلەپ، ئۆيلىرىگە چايغا چاقىرىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ يىلى بىزنىڭ مەھەللىدە ۋېلىباينىڭ نەۋرىسىنىڭ يولدىشى سىراجىدىن ئاكا دېگەن بىر ئادەم بولىدىغان. شۇ ئادەم چايغا چاقىردى. شۇ چايغا ناھايىتى كۆپ ئادەم كەلدى، شەھەردىن، شەھەرگە يېقىن يېزىلاردىن. ھەممىسى كەلدى، ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقىسى كېلەتتى. مەن يېزىدا شۇنداق بىر چوڭ توي بولۇپ كەتتى، بۇ نېمە ئۈچۈن بولدى دەپ بىلمەي، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالتە ياشتا ئىدىم، شۇ ۋاقىتتا دادامدىن سورىسام، ياركەنتتىن ئۆتكەندە بىر ئادەم بولىدىغان زىيام دېگەن، شۇ ئادەم كېلىپ تىياتىرلارنى قۇرۇپتىكەن. ئاندىن كېيىن ئەيسا بىلەن روشەنگۈل توغرىلىق «قانلىق داغ» دېگەن سەھنە ئەسەر يېزىپتىكەن، كېيىن «غېرىپ-سەنەم» نى يېزىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەتتى مۇشۇ ئادەم. شۇنى كۆرەلمىگەن شېڭ شىسەي ئۇنى 37-يىللىرى تۈرمىگە ئالىدۇ. ئۇ يەتتە يىل يېتىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى بارلىق غۇلجا تەۋرەپ كەتتى بۇ ئادەمنى كۈتۈپ، دەپ ئېيتقان. دادامنىڭ شۇ سۆزىدىن كېيىن بۇ ئادەمگە ھەۋىسىم كېلىپ، بۇ كىشى يازغۇچى ئىكەن، شۇنى بىر كۆرسەم دېگەن ئارزۇلار بىلەن يۈردۈم. شۇ ئارزۇلار مېنى بۇ ئەدەبىياتقا ئېلىپ كىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.