چەرچەندىكى قوش ئاپەتنىڭ زىيىنى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.11.25
cherchen-yer-tewresh-1.jpg يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئائىلىسى. 2013-يىلى 24-نويابىر، چەرچەن.
internet blog

ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزى، 24-نويابىر چەرچەن ناھىيىسىدە 5.6 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تەڭرىتاغ تورىمۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، چەرچەن ناھىيىسىنىڭ تۇرا، كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى، ئاچچان يېزىسى، قوراملىق يېزىلىرىدا 2389 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، ھازىرغىچە تېخى ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى قىلدى. ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن دائىرە چەرچەن ناھىيىسىنىڭ بىر قەدەر نامرات تاغلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى بولۇپ، توك ۋە تېلېفون، تور ئالاقىلىرى تېخى مۇكەممەل ئەمەس. رايوندىكى خەلق يەر تەۋرەش ئاپىتى بىلەن تەڭ يەنە قار ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن.

24-نويابىر سائەت 07:30:46 دە، چەرچەن ناھىيىسى (شىمالىي كەڭلىك 36.8 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.7 گرادۇس) دە 5.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسى چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كوئىنلۇن تېغىدا بولۇپ، چەرچەن ناھىيە بازىرىغا 181 كىلومېتىر كېلىدىكەن. يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى تۇرا، كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى، ئاچچان يېزىسى، قوراملىق يېزىلىرىدا بىر قەدەر ئېغىر كۆرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، چەرچەن ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى،، خەلق ئىشلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە، چارۋىچىلار، كان خادىملىرىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ، قوتانلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ خىتاي ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 24-نويابىر سائەت 22:00 گىچە، يەر تەۋرەشتە 2389 ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 10 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 675 ئېغىز ئۆينىڭ تاملىرىغا دەز كەتكەن؛ 33 قوتان، 10 يەم-خەشەك ئامبىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 2 مىليون 350 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە ئادەم قازا قىلىش ۋە يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات يوق ئىكەن.

بىز چەرچەن ناھىيىلىك پارتكوم بىلەن ئالاقىلەشتۇق، بىر خىتاي سېكرېتار، ئاپەت زىيىنى ھەققىدە تېخى يېڭى مەلۇمات يوقلۇقى، تور ۋە تېلېفون كاشىلىسى بولغاچقا ئاپەت رايونى بىلەن ئالاقىلىشىش تەسلىكىنى بىلدۈردى.

چەرچەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر كادىر، قالغان كادىرلارنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن جايلارغا كەتكەنلىكىنى، ئاپەتنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تېخىچە مەلۇمات ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەرچەن ناھىيە مەمۇر تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن تۇرا، كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا ئۇدا قار ياققان بولۇپ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىمۇ بارغانچە تۆۋەنلىگەن، بۇ جايلاردىكى ئامما يەر تەۋرەش ۋە قار ئاپىتىگە تەڭلا ئۇچرىغان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۆرۈلگەن قوتان ۋە ئۆيلەر ئاساسەن مۇشۇ ئىككى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىكەن. بۇ ئاپەت رايونلىرىدا تېلېفون ۋە توك يوللىرىمۇ كاشىلىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاپەتتىكى خەلقتىن مەلۇمات ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. ئەمما كۆنچىبۇلاق ئاپەت رايونىغا ئەھۋال ئىگىلەشكە ئەۋەتىلگەن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى كادىرى ليۇ لېينىڭ يانفون نومۇرىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، گەرچە تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ، ليۇ لېي بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن خەۋەر ئىگىلەۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ تېلېفوننى ئۈزدى.

ناھىيە ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، 6 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىگەنلىكىنى خەۋەردىن كۆرگەنلىكىنى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن جاي يىراق ھەم نامرات، ئالاقىلىشىش قۇلايسىز يېزىلار بولغاچقا، ئاپەتنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى تەخمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىلىدىن كېيىن تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدە ۋاقتىدا چىن خەۋەر بېرىش ھەققىدە بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ئاپەت ۋە باشقا ئىنسانلار ھاياتىغا تەھدىت يەتكەن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دائىرىلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇپ ۋە ياكى كېچىكىپ خەۋەر قىلىنماقتا.

2004-يىلى 2-ئايدا مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇرچاق قاتارلىق يېزىلىرىدا 7 بالغا يېقىن يەر تەۋرەپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانسىز، ھەمدە ئۈچ كۈنگە قەدەر ياردەمسىز قالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.