مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى، يىڭنە بىلەن داۋالاش كەسپىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.11.17
nimetulla-reshidi-yingne-dawalash-1.jpg ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندى خەلقئارا يىڭنە بىلەن داۋالاش ئىلمىي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيونىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا. 2016-يىلى 6-نويابىر، ياپونىيە..
Süretni özi teminligen
nimetulla-reshidi-yingne-dawalash-2.jpg

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندى قاتناشقان خەلقئارا يىڭنە بىلەن داۋالاش ئىلمىي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيونىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يىغىن زالى. 2016-يىلى 6-نويابىر، ياپونىيە.. Süretni özi teminligen

nimetulla-reshidi-yingne-dawalash-1.jpg

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندى خەلقئارا يىڭنە بىلەن داۋالاش ئىلمىي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيونىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا. 2016-يىلى 6-نويابىر، ياپونىيە.. Süretni özi teminligen

nimetulla-reshidi-yingne-dawalash-3.jpg

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندى خەلقئارا يىڭنە بىلەن داۋالاش ئىلمىي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيونىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا. 2016-يىلى 6-نويابىر، ياپونىيە. Süretni özi teminligen

nimetulla-reshidi-yingne-dawalash-4.jpg

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندىنىڭ خەلقئارا يىڭنە بىلەن داۋالاش ئىلمىي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيونىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلۇشى. 2016-يىلى 6-نويابىر، ياپونىيە. Süretni özi teminligen

nimetulla-reshidi-yingne-dawalash-5.jpg

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندى(سولدا)نىڭ داۋالاش ئورنى. Süretni özi teminligen

nimetulla-reshidi-yingne-dawalash-7.jpg

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندى. Süretni özi teminligen

قۇرۇق يىڭنە بىلەن داۋالاش ‏- ئىنساندىكى جان ئايلىنىشنى خىلىت، مىجەز ۋە قۇۋۋەتكە قاراپ تەھلىل قىلىپ، پەللىگە يىڭنە سانجىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان، قول ئەمەلىيىتى تېخنىكىسى.

كلىنىكىلىق داۋالاشتا ئۇ بىمارلارغا ئەكس تەسىرى يوق، تەننەرخى ئەرزان، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يەڭگىل ئۇسۇل بولغاچقا، داۋالاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا خەلقئارادا بارغانچە ئىشەنچ ۋە ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. 70-يىللاردىن باشلاپلا بۇ كەسىپكە كىرىشىپ بۇ تۈردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندى دۇنيا يىڭنە بىلەن داۋالاش جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيونىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئىناۋەتكە ئىگە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى سانىلىدۇ.

دۇنيادا يىڭنە بىلەن داۋالاشنىڭ خىتاي جۇڭيىچە داۋالاشنىڭ بىر تۈرى دەپ قاراۋاتقان بىر پەيتتە، دوكتور نىمەتۇللا ئەپەندى بولسا يىڭنە بىلەن داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ بالدۇر ئۇيغۇرلاردا باشلىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا ۋە يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە يىڭنە بىلەن داۋالاشنىڭ ئىلمىي نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قېلىپلىشىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگىمۇ تېگىشلىك تۆھپە قوشماقتا.

ئۇ يېقىندا، ياپونىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارا يىڭنە بىلەن داۋالاش ئىلمىي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيونىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ بۇ ساھەدىكى تەتقىقات تېمىسىنى سۇنغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە نىمەتۇللا رەشىدى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.