يېڭى سانائەت رايونى پەيدا قىلغان ئېكولوگىيىلىك تەھدىت بەشكېرەم ۋە ئاتۇش دېھقانلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.08.20
qeshqer-tumen-deryasi-bulghinish-1.jpg كۈنسېرى ئازىيىپ قۇرۇشقا باشلىغان ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان تۈمەن دەرياسىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئۆتكەن بۆلىكى.
Qeshqer sheher tori


قەشقەرنىڭ بەشكېرەم، ئاتۇشنىڭ ئازاق، ئۈستۈنئاتۇش قاتارلىق يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار توردا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنى «ياشىڭ ئېغىر سانائەت رايونى» پەيدا قىلغان ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا دىققەت قىلىشقا ۋە دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. مۇراجىئەتنامىدە كۆرسىتىشىچە، قەشقەر - ئاتۇش ئوتتۇرىسىدىكى «ياشىڭ ئېغىر سانائەت رايونى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ قۇرۇلۇش مەزكۇر يېزىلارغا ئارامسىزلىق ۋە نورمالسىزلىق ئېلىپ كېلىشكە باشلىغان.

مۇراجىئەتنامىدە، سانائەت رايونى بۇ 3 يېزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي مۇھىتىغا، تەبىئىي ساپ ھاۋاسىغا، باغۋارانلىرىدىكى مېۋىلىرىنىڭ سۈپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ يىل دەريا سۈيىنىڭ بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، بەشكېرەم ئۆستىڭىگە سۇ ماڭماسلىق، ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىدا سۇ يېتىشمەسلىك، ئىچىملىك سۇنى ھەل قىلالماسلىق، باغۋاران، دەل - دەرەخلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى پەيدا بولۇپ، قۇرغاقچىلىق ۋە مۇھىت بۇلغىنىش ئاپىتىگە قەدەم بېسىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چاقماق دەرياسى بەشكېرەم، ئۈستۈنئاتۇش ۋە ئازاق يېزىلىرىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى. غەربتىكى چاقماق چېگرا تاغ تىزمىسىدىن باشلىنىدىغان بۇ دەريا ئەسىرلەر مابەينىدە بۇ يۇرتلارنى سۇغۇرۇپ كەلگەن.

بىراق، يېقىنقى يىللاردا «ياشىڭ ئېغىر سانائەت رايونى» يۇقىرىقى 3 يېزىغا سۇ تەقسىم قىلىدىغان «چاقماق توسمىسى» نىڭ 10 كىلومېتىر يۇقىرىسىغا قوش لىنىيەلىك تۇرۇبا ياتقۇزۇپ، دەريا سۈيىنى سانائەت رايونىغا ھەيدىگەن.

يەرلىك دېھقانلار مۇراجىئەتنامىدە، سانائەت رايونى دەريا سۈيىنى تارتىپ كەتكەننى ئاز دەپ، كېرەكسىز سۇنى يەر ئاستىغا قويۇۋېتىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، دەريا سۈيىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئۈستۈنئاتۇش، ئازاق قاتارلىق يېزىلاردا دېھقانچىلىقنىڭ يەر ئاستى سۇغا تايىنىشىنى كۈچەيتكەن.

ئاتۇشلۇق بىر دېھقان ئايال مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىك كۆرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ، تال ۋە ئەنجۈرگە قۇرۇپ چۈشۈپ كېتىشى مۇشۇ سانائەت رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

دېھقان ئايال: باغدىكى مېۋىلەرگە قۇرۇت چۈشۈپ كېتىدىغان ئاشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەچكە شۇنىڭ تەسىرىمىكىن، دېگەن گەپ بۇ. يەنە تال، ئەنجۈرلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ، شۇ سانائەت رايونىنىڭ بۇلغىنىشىنى شامال ئېلىپ كېلىپ بۇلغاۋاتىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

مۇخبىر: سۇ مەسىلىسى قانداق، سۇنى قىسىلىپ كەتتى، دەيدىغۇ؟

دېھقان ئايال: ھەئە، بۇرۇنقىدىن سۇ قىسىلىپ كەتتى. كۆپىنچە دېھقانلار بورىۋايدىن تارتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. دەريادىن سۇ كېلىدۇ، لېكىن پەسكە ئاز. سۇ قاچىدىغان ئەھۋاللار پەستە بار، دەيدۇ دېھقانلار.

مۇخبىر: سىلەر قانداق قىلىۋاتىسىلەر؟ باغۋەنچىلىكمۇ ياكى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلامسىلەر؟

دېھقان ئايال: بىزنىڭ ئاساسەن شۇ باغ. ئاندىن كېيىن بىز ئۇ يەرنىڭ سۈيىنى ئالدىراپ كۆرمەيمىز. پەقەت بورىۋايدىن سۇغۇرىمىز. ئۇ ھېلىقى سايدا ئاز - تولا ئاقىدۇ ئۇ چاقماقنىڭ سۈيى. ھېلىقى كاتتايلاق تەرەپكە ماڭىدۇ، دەيمىزغۇ، ئۇمۇ جىق ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ بۇ يۇرت تەرەپكە چىقالمايدۇ.

بۇ دېھقان ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئاتۇش ئەتراپىدا ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە توپا يېغىش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان.

ئۇ: ۋاي، ئەتىيازنىڭياغى ئاسماننىمۇ تەستە كۆردۇق، توپا يېغىپ، چاڭ توزان بولۇپ، مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى. تېخى 2 - 3 ئاي بولدى ئوسمان سۈزۈلگىلى. بۇ يىل ئەتىيازدا بولۇپمۇ 6 - ئاي مەزگىلىدە توپا يېغىش ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى يىللاردىكىدىن ئېغىر بولدى. شۇڭا، بۇ يىل خەلق ئىچىدە كېسەللىك كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، دېدى.

ئاتۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقان، باغۋەنچىلىكنىڭ كاردىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ باغۋەنچىلىكتىن كىرىدىغان كىرىمى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدا مۇھىتتىكى بۇلغىنىشنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دېھقان ئەر: باغۋەنچىلىككە تەسىرى بولىدىكەن، سۇ ئاز بولغاندىن كېيىن پۇلغا بورىۋايدىن سۇ تارتىدىكەنمىز. دېھقان دېگەن قىلغان نەرسىنى ئۇسسىز قويساق بولمايدۇ. باشتىن كېلىدىغان سۈيىمىز ئازلاپ كەتتى. پۇل بىلەن بولۇۋاتىدۇ ئىشلار ئەمدى. بۇرۇن سۇ دەريادىن كېلەتتى. ھازىرمۇ كېلىدۇ، بىراق ئاز بۇرۇنقىدەك سۇ يوق.

مۇخبىر: مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ، بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلدىڭلارمۇ ئەتراپىڭلاردا؟ مەسىلەن، دەل - دەرەخلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىۋاتقانلىقى، ھاۋانىڭ ئىسسىۋاتقانلىقىنى، ئەتراپىڭلاردا بىر ئۆزگىرىش بولۇۋاتامدۇ؟

دېھقان ئەر: ئۆزگىرىش جىق. باغۋەنچىلىكتە شۇنداق بولىدىغان باغلىرىمىز كاردىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: قانچىلىك پەرق بار بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر؟

ئەر دېھقان: بۇرۇن بىر مو يەردىن 6 مىڭ سوم، 5 مىڭ ۋە 4 سوملۇق ئۈزۈم ساتاتتۇق.

ھازىر بىرەر مىڭ سومغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن شۇنداق بولىدىغان ئۈزۈملەر ھازىر بولمايۋاتىدۇ. بولمىسا شۇ بۇرۇنقىدەك ئىشلەۋاتىمىز، بۇرۇنقىدەك پەرۋىش قىلىۋاتىمىز، باغۋاران چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن بولۇۋاتىدىغۇ شۇ.

بىراق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى 3 يېزا خەلقى ئېلان قىلغان مۇراجىئەتكە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئاتۇشلۇق دېھقان ئايال، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كېلىپ بۇ 3 يېزىدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشنى راست سانائەت رايونى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ياكى باشقا ئامىل سەۋەب بولغانلىقىنى ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى بەزى خىتاي ئىقتىسادشۇناسلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا نوپۇس يۆتكەپ، شەھەرلەر قۇرۇش، سانائەت رايونلىرىنى بەرپا قىلىش پىلانىنى تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خې چىڭليەن خانىم، بۇ پىلاننى تەنقىد قىلغان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نازۇك ئېكولوگىيىلىك شارائىتى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

خې چىڭليەن: ئەگەر شىنجاڭغا بېرىپ قارىسىڭىز نوپۇسنىڭ ناھايىتى تارقاقلىقىنى كۆرىسىز. بۇ ئەھۋال زور كۆلەملىك شەھەر ئىقتىسادىنى شەكىللەندۈرۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. چۈنكى، شەھەر سودا پائالىيىتى ئىنسانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان زور كۆلەملىك چوڭ شەھەرلەرگە ماس كېلىدۇ. شىنجاڭغا ئوخشاش بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايوننىڭ مۇساپىسى نەچچە يۈز چاقىرىم كېلىدىغان، بەزىدە بىر بوستانلىق بىلەن يەنە بىر بوستانلىقنىڭ ئارىلىقى مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان رايوندا، شەھەر ئىقتىسادىنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. شەھەر ئىقتىسادى شەكىللەنمىسە، زور كۆلەملىك شەھەر سودا پائالىيىتى مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇڭا، شىنجاڭنى يەنىلا ئاز سانلىق مىللەتلەر باشقۇرۇپ، ئالىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزگىنى ياخشى. ئۇلار ئۆزىنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىنى قانداق شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا يەرلىك خەلق ئۆزىنىڭ رايونىدا ئۆزىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى تاپالايدۇ، دېدى.

خې چىڭليەن خانىم يەنە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا نوپۇس كۆچۈرۈپ، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە سانائەت رايونى قۇرۇش پىلانى تۇپراق ۋە سۇ مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، شۇڭا، شىنجاڭغا خەنزۇ كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈشنى، چوڭ تىپلىق زاۋۇت ۋە كارخانىلارنى قۇرۇشنى توختىتىش كېرەك، دەيدۇ.

ئۈستۈنئاتۇش، ئازاق ۋە بەشكېرەملىك دېھقانلارنىڭ مۇراجىئەتنامىسىدە، يۇرتىمىزنىڭ ئۈستى قۇرۇشقا، ئاستى زەھەرلىنىشكە، ھاۋاسى ئىس - تۈتەكلىشىشكە باشلىدى........... كىشىلەر ئارىسىدا سۇ ماجىراسى شەكىللەندى، يېزا - كەنت كادىرلىرى بىلەن دېھقانلار ئارىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ، كادىر بىلەن ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتتى. قۇرغاقچىلىق ئاپىتى خەلقنىڭ جېنىنى يەتكۈچە قىيناشقا باشلىدى، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.