ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى: تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجرۇھ قىلماقتا

«تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرى بولماقتا.

خىتاينىڭ 3U يۇقىرى تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باشلىقى جۇ جېڭ شياڭ ئۆز شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ھەرىكەتچان بالا چۈشۈرۈش، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇغۇت ماشىنىسىنى تونۇشتۇرماقتا. 2007-يىلى 13-ئۆكتەبىر.

«پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى» ياكى «تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماس ھالدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى بولماقتا. بۇ ئوپېراتسىيە، ئاددىي ھالدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئۆمۈرلۈك تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسىدۇر. شۇنداقلا بۇ، ئۇيغۇرلاردا، مۇتەخەسسىس ھەمدە كۆزەتكۈچىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇنداقتا، تۇغۇت يېشىدىكى ساغلام ئاياللارنى بۇ خىل تەدبىر بىلەن ئۆمۈرلۈك تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالدۇرۇشنىڭ، ئاياللارنى يەنە نېمىلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن، 25 يىللىق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دوختۇر گۈلگىنە خانىم «تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى ئەمەلىيەتتە ئاياللارنى مەجرۇھ قىلىش» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قايتىدىن كۈچەيتىپ يولغا قويۇش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق نىسبەتكە چۈشۈرۈش ۋە تەڭشەش ئۈچۈن، پىلانلىق تۇغۇت چارە-تەدبىرلىرىنىمۇ ھەر خىل تېخنىكا ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىلگىرىلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇسنى مۇقىملىق مەسىلىسى، دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە يەنە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشىنى قەتئىي چەكلەش ئۈچۈن، بولۇپمۇ خوتەندە ئاياللارغا تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار دەلىللەندى. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى نامىدا كەڭرى قوللىنىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى، ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنكاسلاردىن بۇ خىلدىكى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللاردا ئەگەشمە كېسەللەرنى، ھەتتا پسىخىكىلىق توسالغۇلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئىنكاسلار بار. ئەمەلىيەتتە بۇ يېڭى تەدبىر ئەمەس، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» مۇكاپاتلاش تەشۋىقاتىنى 2007-يىلىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇچ پەرزەنتلىكتىن تۆۋەنلەر، ئۇرۇق نەيچىسى ئوپېراتسىيەسىگە ئوخشاش ئۇزۇن ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغانلارنى مۇكاپاتلاپ كەلگەن. 2012-يىلدا «ئۇزۇن ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش مۇكاپاتى» نى يولغا قويۇپ 70 ناھىيە يېزا پارتكومى «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلەرنى ۋە ئۇزۇن ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغانلارنى مۇكاپاتلاشنى بېكىتكەن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دائىرىلەر مۇددەتلىك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نىسبەتەن مەڭگۈلۈك تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ئۇرۇق نەيچىسى ئوپېراتسىيەسىگە ئوخشاش تەدبىرلىرىنى يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن.

تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققىنىغا بىر قانچە يىل بولغان ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى گۈلگىنە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا رەھىمسىزلەرچە قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىدە دوختۇرلۇق قىلىش جەريانىدىمۇ، دوختۇرخانىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرىي، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ بىلدۈرمەي، ئۇلارنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ رازىلىقىسىز تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

گۈلگىنە خانىم، ئۇيغۇر دىيارىدا ئادەتتىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قوللىنىپ كېلىۋاتقان، تۇخۇمدان نەيچىسىنى بوغۇشتىن ئىبارەت تۇغۇتتىن مەڭگۈلۈك چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى ئاياللار كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى تاللاش ئىكەنلىكى، ساغلام ئاياللارغا قوللىنىش چەكلىنىدىغانلىقى، بۇنداق بولۇشىنىڭ مەزكۇر ئوپېراتسىيە تۈرىنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەكس تەسىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

گۈلگىنە خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، تۇخۇمدان نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيىسى، تۇخۇمدان راكى، بالىياتقۇ راكى ۋە ياكى ھامىلىدار بولغان تەقدىردە ھاياتى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ دەپ قارىغان بىمارلارغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ، نورمال ئەھۋالدا بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرغان ئاياللاردا، ھەيز مەزگىلى ئۇزىرىپ كېتىش، مىقدارى كۆپىيىپ قېلىش، توختاپ قېلىش، مۇددەتتىن بۇرۇن كلاماترا دەۋرى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بىر قىسىم ئاياللاردا بولسا، قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇ سەۋەبلىك گورمون قالايمىقانلىشىشتىن يەنە ئاياللارنىڭ ماتكا راكى ۋە ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى، بۇنداق ئوپېراتسىيە قىلمىغانلارغا قارىغاندا 30% يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ئەزالارنىڭ نورمال خىزمىتىگىمۇ بەلگىلىك يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.

دوختۇرنىڭ دېيىشىچە يەنە، بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ ئاياللاردا پسىخىكىلىق توسالغۇ پەيدا قىلىشىمۇ ئەندىشىلىك بىر تەرىپى بولۇپ، شۇنداقلا ئوپېراتسىيىدىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ياللۇغلىنىش، قاناش، ئاغرىش، سەپرا بولۇش دۇچ كېلىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇلار ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ئايالغىلا ئەمەس، بىر ئائىلىگە، ھەتتا جەمئىيەتكىمۇ زەنجىرسىمان تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئوپېراتسىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئاياللارغا بۇ خىل ئوپېراتسىيىنى قىلىش، ھەتتا ھاياتى تەھدىت پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، گۈلگىنە دوختۇرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ خىل سەلبىي تەسىرلەرنى بىر ياغقا قايرىپ قويۇپ، ساق-سالامەت، تۇغۇت يېشىدىكى بىر ئايالغا پەقەت تۇغۇت چەكلەش يۈزىسىدىنلا تۇخۇمدان نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىق - ئۇ ئايالنى مەجرۇھ قىلغانغا باراۋەر. ئېچىنىشلىقى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇت كارىۋىتىدا ھوشسىز ياتقىنىدا، ئۆزى بىلمەي تۇرۇپ بۇ خىل ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقىنىدۇر.

گۈلگىنە خانىم بۇ ھەقتە، ھەتتا ھازىرمۇ تۈركىيەدە ئۆزىگە كۆرۈنۈش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قايتا ھامىلىدارلىق ئېھتىماللىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورايدىغانلىقى، ئەپسۇس، بۇ ئاياللارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چاغلاردىلا مەڭگۈلۈك تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەلىرىنى قىلغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ تولۇق چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ پەرق ئەتمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تىلغا ئالدى ھەمدە تېبابەت ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى زامان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىلىرى تەرەققىياتى، ئەر-ئاياللارنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر ۋاسىتىلەر بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئەكسىچە، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئەجەللىك خەتەر يېتىدىغان ئوپېراتسىيەلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئېچىنىشلىق بىر رېئاللىق بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل ئۇيغۇر ئەر ۋە ئاياللاردىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرى ۋە تۇغۇت چەكلەشنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە زۆرۈر بولغان بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.

دوختۇر گۈلگىنە خانىم ئاخىرىدا يەنە، خىتاينىڭ مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىشى، ئۆزىنى سۆيۈشنى ۋە قوغداشنى ئۆگىنىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.