رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتابى تۈركىيەدە يورۇق كۆردى(2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.12.21
abduraxman-ozturk-rezhissor.jpg ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك.
Social Media

«ئاق كىت» ناملىق كىنوسى بىلەن تۈركىيەدە تونۇلۇشقا باشلىغان ياش ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ھايات ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن «مەن كالمان»(بەن كاللماننىم) ناملىق كىتابى بىلەن يەنە بىر قېتىم تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا تونۇشتۇرۇلماقتا.

ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ئۆمرىدە كىتاب يېزىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرك تىلى سەۋىيەسى چەكلىك بولۇشىغا قارىماي، كىتابتا ئۆزىنىڭ 36 يىللىق ھايات كەچمىشلىرىنى ناھايىتى سەمىمىي ۋە تەبىئىي رەۋىشتە ئىپادە قىلىشقا تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ئەسەر تۈرك تاراتقۇلىرىدا قىزىقىش پەيدا قىلغان. ئۇ ئۆزى ھەققىدىكى بۇ تۇنجى كىتابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدا نۇرغۇن تۈرك دوستلىرىنىڭ قوللىشى ۋە سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە تۈرك تىلىدا يېزىلغان بۇ كەچمىشلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغۇدەك ھالغا كېلىشى ۋە ئۆلچەملىك بىر كىتاب سۈپىتىدە نەشرگە تەييارلىنىشىدا كىتابنىڭ تەھرىرى نۇرجان قارا خانىمنىڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بىز نۇرجان خانىمدىن كىتابنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

نۇرجان خانىم كىچىك پېئىللىق بىلەن ئابدۇراخمان ئۆزتۈركتەك بىر ئۇيغۇر بىلەن تونۇشقانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئاجايىپ چىن ھېكايىسى ۋە سەمىمىي ھەم تەبىئىي بايانلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى بولغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۇرجان خانىم ئابدۇراخماننىڭ تىل ۋە ئۇسلۇبىغا بولغان باھاسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، ھەر ئادەم ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەرگە ئەڭ باي بولىدۇ، ئەمما ئابدۇراخمان ئۆزىنىڭ تۈركچە سەۋىيەسى پىشقان بىر پەيتتە بۇ كىتابنى يازدى. كىتابنى نەشرگە تەييارلاش جەريانىدا كۆپ سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بارا-بارا تۈركچە مەنىداش سۆزلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان پەۋقۇلئاددە سەرگۈزەشتلىرىنى ئاجايىپ تەبىئىي ۋە سەمىمىي ئىپادىلىگەن ئىدى. ھەر بىر كىتابخان يازغۇچىنىڭ سەمىمىيىتىنى ماڭا ئوخشاشلا تەسىرلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئۇنى ئوقۇغاندا خۇددى ئاپتور ئالدىڭىزدا ئولتۇرۇپ، ھېچكىمگە ئاڭلىتىپ باقمىغان ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز.»

رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۆزى گىرىپتار بولغان كالمان سىندرومى كېسەللىكى گەرچە ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان جىددىي بىر كېسەللىك بولمىسىمۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر توختاتماي دورىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردا ئۆزىدە داۋالاشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ھاياتقا باشقىچە بىر يېڭى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باشقىلارنىمۇ ئۈمىدلىك ياشاشقا ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە كىتابىغا مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۈسەننىڭ «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» دېگەن ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى قىستۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك، «مەن كالمان» ناملىق بۇ تۇنجى كىتابىنى ئۆزى ئۈچۈن يېڭى غايە تۇرغۇزۇش ۋە نىشانلارنى بېكىتىشتىكى ئىلھام مەنبەسى دەپ قارايدىكەن. ئۇ نۆۋەتتە بۇ كىتابنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنى كىنو قىلىپ ئىشلەش ئارزۇلىرى يولىدا ئىزدەنمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.