«ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى مۇزېيى» ئۇيغۇر تېبابىتىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-11-02
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇستازلار.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇستازلار.
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇنجى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇزېيى 24-ئۆكتەبىر كۈنى خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىدا رەسمىي ئېچىلغان.

مەزكۇر مۇزېيدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە دائىر قەدىمىي كىتابلار ئورنى، خىتايچە دورا-ماتېرىياللار ئورنى، دورا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار ئورنى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈش ئورنى تەسىس قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر مۇزېيغا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە دائىر ئىنتايىن قىممەتلىك 120 پارچە قەدىمكى ئەسەر قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «دۆلەت دەرىجىلىك قەدىمكى تەۋەررۈك ئەسەرلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن 7 قول يازما ئەسەر بار ئىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر مۇزېينىڭ ئېچىلىش مەقسىتى چۈشەندۈرۈلۈپ: «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مىراسلارنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش، ئېچىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ھەمدە دورىگەرلىكىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى خەلققە تونۇتۇش،» دېيىلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا مەزكۇر مۇزېينىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تارىخىدىكى «ئابىدە خاراكتېرلىك تۇنجى مۇزېي» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ دەلىللىشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىنىڭ تەقدىرى بارغانسېرى قىيىنلاشماتىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ ئاستا-ئاستا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى ئارقىسىدا بۇزغۇنچىلىققا ۋە ئېغىر خىرىسقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ «تۇنجى مۇزېي» ئۇيغۇر تىابەتچىلىكى يۈزلىنىۋاتقان بۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالامدۇ-يوق؟ خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك بۇ بىر ئابىدە تىكلەنگەنلىكىمۇ؟ مەزكۇر مۇزېينىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەردە قانداق ئىنكاسلار پەيدا قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، ھازىر ۋاشىنگتون دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

جۈرئەت ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قىممەتلىك مىراس ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈزگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى ئىنكاسلار كۈچلۈك بولۇۋاتقان بىر پەيتتە «مۇزېي قۇردۇق» دېگەن تەشۋىقاتنى مەيدانغا چىقىرىشىنىڭ پەقەتلا بىر شەكىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۈرئەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ كەسپىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر تېبابىتىگە قىلىنغان ئەڭ زور بۇزغۇنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى ۋە ئەكس تەسىرلىرىنى بىر مۇزېي ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ دائىرىلەر ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى ئاتا مىراس تېۋىپلاردىن كەسپىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىنى خىتاي تىل-يېزىقى بىلەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتا مىراس تېۋىپلار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. نۇرغۇن پېشقەدەم ئۇيغۇر تىۋېپلىرى، مۇشۇ سەۋەبلىك كەسپىي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى قانۇنىي ئورنى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەچكە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نورمال تەرەققىياتى ئائېغىر توسالغۇغا ئۇچرىغان.

خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ، خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلغان، ھازىر تۈركىيەدە كەسپىنى داۋام قىلىۋاتقان تېۋىپ ئەلىجان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئانا مەكتىپىدە 10 يىللار ئاۋۋال قۇرۇلغان ئۇيغۇر تېبابەت كۆرگەزمىسىگە «مۇزېي» دېگەن تاختىنى ئاسقاندىن باشقا يېڭىلىق ھېس قىلمىغانلىقىنى باايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن مۇزېي قۇرۇش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە مۇزېي قۇرۇش باھانىسىدە خەلق ئارىسىدا قەپ قالغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە دائىر قىممەتلىك مىراسلارنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇنى يوق قىلىۋېتىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ».

خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋراچ بولۇپ ئىشلىگەن تەجرىبىلىك ئۇيغۇر تېۋىپ ئەلىجان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا سالغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ۋە توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبلىك تۈركىيەگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن. ئەلىجان ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۈچۈن مۇزېي قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقىنى، ھەتتا ئىلگىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تەتقىق قىلغان بىر ياپونلۇق كىشىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە دائىر مۇزېينىڭ يوقلۇقىدىن ھەيران بولۇپ، 2010-يىللىرى ئۆز يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ، خوتەن شەھىرىدە مۇزېي قۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى، ئەمما قۇرۇلۇش پۈتۈشكە يېقىن دائىرىلەرنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن بۇ تۇنجى ئۇيغۇر تېبابەت مۇزېيىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەلىجان ئەپەندى، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتى بولسا، ئەسلىدىلا بار بولغان مەكتەپ كۆرگەزمىسىنى مۇزېي قىلماي، رەسمىي مۇزېي سالغان بولاتتى شۇنداقلا قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سالغان بولاتتى. ئەكسىچە ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئىگىلەش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا يول تۇتمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇزېي قۇردۇق دەپ تەشۋىقات قىلىشى خەلقتە ۋە مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە قاراتقان سىياسىتىگە قارشى ئاۋازلارنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان،» دېگەن مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت