ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى - «ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.12.14
uyghurda-eydiz-teshwiqat-hemjinis.jpg ئوغۇللارنىڭ ھەسەن-ھۈسەن چۈشى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش تەشۋىقاتى. 2017-يىلى 29-ئىيۇن. (xjboy.net دىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئاللىقاچان ئېنىقلىنىپ، يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كىشىلەرگە بىلدۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە كۆپۈيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىلگىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشىدىن يۇققان بولسا، يېقىنقى يىللاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق، ھەتتا ئەر ھەمجىنسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قالايمىقان مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان ئوچۇقچىلىققا چىقىشقا باشلىغان ھەمجىنسلاردىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپى، ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشكە بەلگىلىك خىرىس ئېلىپ كەلمەكتىكەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشى ياكى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش يولى بىلەن تارقالغان. ھالبۇكى يېقىندىن بۇيان ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئەر ھەمجىنسلەر مۇناسىۋىتى ئارقىلىق يۇقۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەندەك نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى كەمسىتىلىشتىن قورقۇپ ئۆزىنى يوشۇرۇش، ھەتتا جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش خاھىشلىرىمۇ كۆرۈلمەكتە. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا يۇقىرىقى ئامىللاردىن سىرت، ھەمجىنىسلارنىڭ قالايمىقان مۇناسىۋىتىدىن يۇقۇش ئەھۋاللىرى دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ يىلقى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەمجىنسلەر ئەيدزلەر سانىنىڭ 7 پىرسەنتىنى ئىگىلىسە، بەچچىۋازلىق يولى ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالغانلار 5 پىرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن. گەرچە بۇ ساننىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغىنى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، قەشقەردىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ لابىراتورىيەسىدە ئىشلەيدىغان بىر سېسترا قان تەكشۈرتكىلى كەلگەن ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغان ھەمجىنىسلارنىڭمۇ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى 20 يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر پىدائىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەر ھەمجىنسلەر ئىلگىرى بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇلار ھەمجىنسلىقىدىن نومۇس قىلىپ، كەمسىتىلىشتىن قېچىپ، كېسىلىنى باشقىلاردىن يوشۇرىدىغان بولغاچقا، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار ئەڭ ئېغىر مەسىلىگە ئايلانماقتا ئىكەن.

مەزكۇر كىشىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشى يېقىنقى يىللاردا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشىغا قارىغاندا ئالاھىدە يۇقىرى بولغان. ئەر ھەمجىنسلەر مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي پائالىيەتلىرى ھەم ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ-تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلىرى ئاممىۋى ھاجەتخانا، مۇنچا، بەزمىخانا، مەيخانا ھەم مەخسۇس ھەمجىنىسلارنىڭ يىغىلىش سورۇنلىرىدا نىسبەتەن گەۋدىلىك بولماقتىكەن. ئەيدىز ۋىرۇسىنى بايقاش مەخسۇس قان تەكشۈرتمىگۈچە سېزىلمەيدىغان بولغاچقا، ئەر ھەمجىنسلارنىڭ يوشۇرۇن يۈرۈشى ئادەملەر ئارىسىدا زەنجىرسىمان، شاخسىمان، تورسىمان ھالەتتە يۇقۇش-تارقىلىش يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

گەرچە ئىسلام ئەقىدىسىنى ئەخلاق پىرىنسىپى قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ ھەمجىنسلەر مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىشى قىيىن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. رادىيومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىمۇ نوپۇس تەركىبىنىڭ بارغانچە مۇرەككەپلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ھەمجىنىسلارنىڭ يوشۇرۇن ئالاقىلىشىش يوللىرى، باشقىلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىزىقتۇرۇش، ئالداش، زورلاش ئارقىلىق ھەمجىنسلەر توپىغا سۆرەپ كىرىش ۋە ھەمجىنسلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولماقتىكەن.

ئامېركىدىكى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىرىدىن مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ھەمجىنىسلارنىڭ ئاز بىر قىسمى گېن سەۋەبلىك تۇغما ھالەتتە ھەمجىنىسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسا، ئىجتىمائىي سەۋەبلەرمۇ ھەمجىنسقا ئايلىنىپ قېلىشتا ئاساسلىق رول ئوينايدىكەن. قىزىقىپ، دوراپ، ئەگىشىپ يۈرۈپ ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قالىدىغان ياكى زىيانكەشلىك قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەنمۇ ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرى مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن.

مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردا ھەمجىنىسلىق گەرچە ناھايىتى ئاز كۆۈرۈلسىمۇ ئائىلىلەردىكى ئەتىۋارلىق ئوغۇل بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى، تەربىيەلىنىش مۇھىتى ھەم تەربىيەلىگۈچىلەرنىڭ ئاياللىق تەسىرگە كۆپرەك ئۇچراپ كېتىشى سەۋەبلىك يۈز بېرىدىكەن. بىر قىسىم ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما يۇشۇرغان ھالدا باشقىلارغا ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قۇيۇش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەمجىنسلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. گەرچە ھەمجىنىسلارنى كەمسىتمەسلىك، كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى بارغانچە مۇرەككەپلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا يوشۇرۇن ھالەتتىكى يۇقۇشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈر ئىكەن. ھالبۇكى، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ جەھەتتە ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئالالمىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.