ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاۋا ۋە سۇ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئېغىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.01.03
hawa-bulghunush-urumchi.jpg بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرىدىن تارتىلغان كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. 2016-يىلى 18-ئىيۇل.
AFP

خىتاي مەركىزى مۇھىت نازارەت ئورگىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ھاۋا ۋە سۇ مۇھىتى بۇلغىنىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

2-يانۋار، خىتاينىڭ «خەلق تورى» دا، خىتاي مەركىزىي مۇھىت نازارەت ئورگىنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ھاۋا ۋە سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئائىت دوكلات يەر ئالدى.

«مەركىزى مۇھىت نازارەت ئورگىنى: شىنجاڭنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھاۋا ۋە سۇ مۇھىتى مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى» ناملىق بۇ دوكلاتتا، خىتاي مەركىزى 8-مۇھىت نازارەت ئورگىنىنىڭ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئۇيغۇر دىيارىدا مۇھىت قوغداش نازارەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارى، جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش نەتىجىسىدە، رايوننىڭ بەزى جايلىرىدا ھاۋا ۋە سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا، خىتاي مەركىزى مۇھىت نازارەت ئورگىنى ئامما مەلۇم قىلغان 2905 دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك 2182 دېلودىن 548 نى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغانلىقى، 68 مىليون 200 مىڭ سوم جەرىمانە قويغانلىقى، بىر دېلونى ئەنزە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەنلىكى، 25 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى، 163 كىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە 1613 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە ئائىت دېلو 457 بولۇپ، 79 كىشىنى ئەنزە تۇرغۇزۇپ جازالىغان، 1 كىشىنى قولغا ئالغان، 10 كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە 628 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئەمما بۇ قەدەر كۆپ دېلونىڭ نېمىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، جازالانغۇچىلارنىڭ جىنايەتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدە كونكرېت مەلۇمات بەرمىگەن.

دوكلاتتا ئىزاھلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇھىت چۈشەنچىسى يېتەرسىز بولۇپ، كۆپلىگەن رەھبىرىي كادىرلار پەقەت قېزىش، ئېچىش، تەرەققىي قىلىشقىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھىتقا پىسەنت قىلمىغان. بولۇپمۇ كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى كۆپ مىقداردا قېزىشقىلا ئالدىراپ، تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن كارى بولمىغان. ئۈرۈمچى، قاراماي، كۈيتۈن، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا ۋە سۇ بۇلغىنىش دەرىجىسى 2014-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاشقان. كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك ھاۋانى سۈمۈرۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن.

دوكلاتتا، شىخەنزە، كۈيتۈن قاتارلىق خىتايلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىمىيە زاۋۇتلىرى قۇرۇش، كۆمۈر قېزىش، قانۇنسىز سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن رايوننىڭ ھاۋا ھەم سۇ مۇھىتىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بولۇپمۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك 4 ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ كان بايلىقلىرىنى قانۇنسىز ئېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقى، شىخەنزىدە قانۇنسىز ئېنېرگىيە خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇپ مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى، كۈيتۈندە 17 سۇ ئامبىرىنى قانۇنسىز قۇرۇپ چىقىپ سۇ مۇھىتىغا زىيانلار سالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھاۋا ۋە سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى خىتايلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن ئېنىق بېشارەت بەرگەن بولۇپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونغا كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى بۇنداق ئېتىراپ قىلىشى، ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىكەن. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

دوكلاتتا يەنە، كۆپ مىقداردا يەر ئاستى سۇلىرىنى سۈمۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىدىكى 19 پولات تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ 11 ئىدە مۇھىت ئاسراش قوللانمىسىنىڭ يوقلۇقى، 4 زاۋۇتتا مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنىڭ كاملىقى تەكىتلەنگەن ھەمدە دۆلەتنىڭ 2014-يىلى يولغا قويغان مۇھىت ئاسراشقا ئائىت مەبلىغىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ھەتتا ئۈرۈمچى ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ بىردىن بىر ئىچىملىك سۇ مەنبەسى بولسىمۇ، دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىش بەلگىلەنگەن بۇ ئامبارنىڭ پاسكىنا سۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئېغىر دەرىجىدىكى سۇ بۇلغىنىشى پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاينىڭ بولۇپمۇ «غەربنى ئېچىش» ۋە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرى باشلانغان ئاخىرقى 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئەسلىدىلا سۇ مەنبەسى قىس بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىش دولقۇنى يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى يىللاردىن بۇيان مۇتەخەسسىسلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تېما ئىدى. ئىلگىرى، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مەزگىل نېفىت قېزىش خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان د ئۇ ق مەدەنىيەت كومىتېتى مۇدىرى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا پەيدا قىلغان بۇلغىنىشلار ھەققىدە شاھىت بولغانلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ بۇلغىنىشلارنىڭ دەردىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن زامان تارتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.