تۈركىيەدە خىتايدا ئىشلەنگەن ئوقۇش قوراللىرىنى سېتىۋالماسلىق تەشەببۇس قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.09.17
oqush-buyumliri-dukini-turkiye.jpg مەكتەپ ئوقۇش مەدەنىيەت بۇيۇملىرى سېتىش دۇكىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلى ئاخىرلىشىپ دەرس باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، تۈرك ئىستېمالچىلار مەسىلىلىرى جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىتايدا ئىشلەنگەن ئوقۇش قوراللىرىنى سېتىۋالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ۋە خىتايدا ئىشلەنگەن ئوقۇش مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەتسىز ۋە ئۆلچەمسىز ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ئىستېمالچىلار مەسىلىلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئايدىن ئاغائوغلى، ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇش قوراللىرى سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرى، فورما كىيىملەرنى سېتىۋېلىشتا سۈپەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك. سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈستىدىكى ماركا ۋە قەيەردە ئىشلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن سۈپەتسىز تاۋارلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك.

ئايدىن ئاغائوغلى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، سومكا، مەكتەپ فورمى، دەپتەر-قەلەم قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا بەزى پۇرسەتپەرەسلەر ئۆلچەمگە ماسلاشمىغان مەكتەپ قوراللىرىنى بازارغا سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئايدىن ئاغائوغلى ئەپەندى يەنە ئاتا-ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلار سۈپەتسىز كىيىملەرنى پەرزەنتلىرىگە كىيدۈرمەسلىك، ئوقۇش قوراللىرىنى قوللانماسلىقى كېرەك. خۇسۇسەن پۇراقلىق ۋە رەڭلىك مەھسۇلاتلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك. بۇ خىل مەھسۇلاتلاردا ئېرزا ن باھادىكى پۇراق ۋە رەڭلىك قىلىدىغان خىمىيىلىك ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سالامەتلىككە زىيانلىقتۇر. بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلار تىجارەت مىنىستىرلىقى تاموژنا ئىدارىسىگە شىكايەت قىلىشى كېرەك. سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنىڭ پەرزەنتلەر ئۈچۈنمۇ يامان ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

ئايدىن ئاغا ئوغلى مۇنداق دېدى: ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سۈپەتسىز مەھسۇلاتلاردا، بۆرەك، جىگەر ۋە ئاشقازان دېگەنگە ئوخشاش ئىچكى ئەزالارغا زىيان قىلىدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقى بايقالدى. ھەتتا بەزى مەكتەپ قوراللىرى ۋە فورم كىيىملەردىكى بەزى ماددىلارنىڭ توغماسلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

ئايدىن ئاغائوغلى، پەرزەنتلەر ئۈچۈن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەر خالىغىنىنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئىشلەنگەن ئوقۇش قوراللىرىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار ئالدۇق. سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتلاردا تسە ۋە چە بەلگىلىرىدىن ئەڭ ئاز بىرى بولۇشىغا دىققەت قىلىش ۋە ياكى ئاب (ياۋروپا ئىتتىپاقى) تەرىپىدىن بىخەتەرلىك بەلگىسى تەستىقلانغان ۋە نورمال ئۆلچەملىك دېگەن بەلگە بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە سېتىۋالغان مەھسۇلاتلار گۇمان پەيدا قىلغان بولسا ئاتا-ئانىلار دەرھال تىجارەت مىنىستىرلىقىغا شىكايەت قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتسىزلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇ مەھسۇلات سېتىلماستىن توپلىنىدۇ ۋە نۇرغۇن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداپ قالغان بولىمىز. سېتىۋېلىنغان سۈپەتسىز بىر قەلەمنى بالىلار خەت يازغاندا قوللىنىشى، مەكتەپتە يېڭىدىن دەرس باشلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇ قەلەمنى ئاغزىغا سېلىشى، كەلگۈسىدە ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، تۈركىيەدە ھەر يىلى ئوقۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ماللىرىنىڭ بەك سۈپەتسىز، ئۆلچەمسىز ماللار ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە بۇ خىل زىيانلىق ماللار خىتاي تامۇژنىدا تەكشۈرۈلۈپ تەستىق قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما تەكشۈرۈلمەستىنلا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېلىشىگە كۆز يۇمغانلىقىنى، خىتاي ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ كىچىك بالىلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى، خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىق قىلدى ۋە خىتاي ماللىرىنىڭ سۈپەتسىز ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خىتاينى بىر ئىشغالچى دەپ قاراپ ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو قويۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە ھەسسە قوشماسلىق كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.