تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەر: ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراشقا بولمايدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى ‹ھەر قاچانقىدىن كۈچلۈك›» دەپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قىلغان راكېتا سىنىقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 9-ئاۋغۇست.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى ‹ھەر قاچانقىدىن كۈچلۈك›» دەپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قىلغان راكېتا سىنىقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 9-ئاۋغۇست.
AFP

ئامېرىكا پرېزىدېنت ترامپنىڭ كېلەر ئايدىكى خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە تەشكىلاتلار ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە سەل قارىماسلىققا چاقىردى. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە داۋاملىق سەل قارىسا، ئامېرىكا ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچى ۋايولا روسچايولد 4‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

ۋىئولا روسچايېلد، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە دىققىتىنى ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ.

ئۇ، بۇ يىل خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا قارشى نۇرغۇن خىلاپلىقلار سادىر بولۇپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو راك كېسىلىدە ئۆلگەن، ئادۋوكاتلار تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارغا مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلغان، خوڭكوڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى جازالانغان، ئۇيغۇرلارغا بولغان تەقىب كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى باستۇرۇلغان، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرى قايتۇرۇلۇپ كېتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ترامپ مەمۇرىيىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە داۋاملىق پەرۋاسىز قارىسا، ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا تەرتىپى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بۇ، خىتاينىڭ يەر شارى سەھنىسىدىكى رولى تېخىمۇ زورايتىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى بەزى ئانالىزچىلار، ترامپ مەمۇرىيىتى كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرسە، ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تاشقى سىياسەتتىكى باشقا مەسىلىلەردىن ئايرىۋەتمەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، تاشقى سىياسەتنى ئىجرا قىلىۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا قوشۇپ، ئەدلىيە مىنىستىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى، سودا مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، ھەتتا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن تارتىپ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ئەكېلىپ، كوللېكتىپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرسا، مەن ئىشىنىمەنكى خىتاينى ئۈستەلگە ئەكېلىپ مۇشۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا، ھېچ بولمىسا ئۇلارنىڭ مەيلىنى ئوتتۇرىغا چىقارغىنى بولىدۇ.»

بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قۇرۇپ ھەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بىراق بۇ دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى، دىئالوگنىڭ رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قېلىپ، ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋايولا روسچايولد، ئامېرىكانىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى يۇمشاق بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھېچ بولمىسا بۇ مەسىلىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى، «خىتاي خەلقئارا دېموكراتىيە بىرلەشمە فرونتى» نىڭ رەئىسى ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا داۋاملىق ناچارلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدە.

ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سەۋەبى بار. بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېنىق مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ مەيدانى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەلۇم بېسىم پەيدا قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئازراق بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بىز يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى شۇنى كۆرۈپ تۇردۇق، ئامېرىكا خىتاي بىلەن سودا قىلىمىز، دەپ ۋە خىتاينىڭ تەسىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا دىققەت قىلىشنى بوشاشتۇردى. نەتىجىدەك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىپ ماڭدى. شىنجاڭ بىلەن شىزاڭدا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇ ئەھۋال ئىلگىرى بۇ رايونلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ ئەھۋال يېقىنقى 20 مابەينىدە ئىزچىل ئېغىرلىشىپ ماڭدى. بۇنىڭ ئۆزى خەلقئارا بېسىمنىڭ ئاجىزلىشىپ مېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئۇ، ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا سەل قارىسا، بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكانىڭ بېشىغا دەرد بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل: «بۇ نېمىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى ھېس قىلغان چاغدا ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەم ساغلام ھەم ئارزۇ قىلغان مۇھىت شەكىللىنىدۇ. بۇ خىتايلار خالىمىغان تېمىدىن قېچىش ئەمەس، ئۇلار خالىمىغان تېمىنى سۆزلىشىدىغان تىزىملىكنى تۆپىگە قويۇش كېرەك. بۇ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە دېگەن مەسىلىلەر ئايلىنىپ كېلىپ ئامېرىكانىڭ تىجارەت مەنپەئىتىگە، بىخەتەرلىك مەنپەئىتىگە ياكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى مەسىلىلەرگە تاقىشىدىغان مەسىلە. چۈنكى، خىتاي سىياسىي مۇھىتى ساغلام، ئۆزىنىڭ خەلقىنى ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇ ئامېرىكىغا تەھدىت بولىدىغان ئەھۋال كېلىدۇ. دۇنيا تارىخىدا سەھنىدە تۇرۇۋاتقان كۈچ بىلەن سەھنىگە يامىشىپ چىقىۋاتقان كۈچ ئارىسىدا 16 قېتىم ئىختىلاپ بولۇپ، ئۇنىڭ 12 سى ئۇرۇش بىلەن ئاخىرلاشقان. ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا مۇشۇنداق يول قويسا، ئۇ كەلگۈسىدە ئامېرىكانىڭ بېشىغا دەرد بولىدىغان بۈيۈك مەسىلە. شۇڭا، ئامېرىكا خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈپ، دۇنيادىكى مەدەنىي دۆلەتلەر قاتارىغا ئەكېلىشى كېرەك. ئۇ شۇنى قىلغاندا ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بىر بالا قازانى توسۇپ قالالايدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە، ئەگەر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرمىسا، خەلقئارادىكى بۇ بوشلۇقنى خىتاينىڭ تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ بۈگۈنكى كۈندە قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئەسكىرى كۈچى، ئىقتىسادىي كۈچى ياكى خەلقىنىڭ كەشپىياتچانلىق روھىدىن قاراشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ دۆلەتكە پۈتۈن دۇنيادىكى خەقلەرنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىنتىلىش بىلەن قارىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئۇنىڭ ئېزىلگەن خەلقلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، بىر ئىنسان تۇغۇلۇشتىن مەۋجۇت بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئۆلگۈچە قولىدا تۇتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن دۆلەت بولغانلىقىدا. ئەگەر ئۇ بۇ مەسىلىدە ئارقىغا چېكىنسە، بۇ بوشلۇقنى خىتاي تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ئامېرىكانىڭ خەلقئارا ئورنىنى يېڭىلاشقا ئۇرۇنىدۇ.»

ۋايولا روسچايولدنىڭ ئامېرىكا «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون، جورجى بۇش ۋە باراك ئوباما دەۋرلىرىدە تۈرمىدىكى بەزى ئۆكتىچى زاتلارنى قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قىسمەن يول قويغان. لېكىن ئۇ كېيىنكى يوللاردا يول قويۇشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

ۋايولا روسچايولدماقالىسىدە، ھازىر خىتاينىڭ خەلقئارا تەنقىدلەرگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەزىدە ئۇنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلغان دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالنى يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماداراچى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى.

ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى. خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلمىسا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىدۇ. ئۇنىڭ ھازىر شىنجاڭدا قىلىۋاتقان يامان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى، مەسىلەن، ئۇنىڭ ‹قۇرئانى كەرىمى› نى مۇسادىرە قىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىم قويۇشىنى چەكلىشى، بۇ ئىشلار ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىمۇ بولۇپ باقمىغان. ئۇلار نېمىشقا بۇنداق ھەددىدىن ئاشقان ئىشلارنى قىلالايدۇ. چۈنكى، خەلقئارا جەمئىيەت كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى قىلىۋاتىدۇ. قىسقىسى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىشى، خىتاي خەلقىگە، ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرگە تېخىمۇ زىيان قىلىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت