مۇتەخەسسىسلەر: شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» چاقىرىقى ئۇيغۇرلارغا ساختىلىقتەك تۇيۇلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.06.07
shi-jinping-erdoghan-putin.jpg (ئالدىنقى رەت سولدىن ئوڭغا تۈركىيە، ۋىيېتنام، رۇسىيە ۋە خىتاي دۆلەت پرېزىدېنتلىرى) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تران داي قۇاڭ، ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ قاتارلىقلار «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» دا خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
AFP

چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭ «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» دە ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى، خىتايدىكى مىللىي مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى مايكېل كلاركنىڭ بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مايكېل كلارىك «شى جىنپىڭنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول چاقىرىقى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ساختىلىقتەك تۇيۇلىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان كونترول قىلىش ۋە تەقىبلەش سىياسىتى، ئۇنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەدىلىرىگە مۇخالىپ بىر ۋەزىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ يىل 5‏-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» يىغىنىدا، بۇ يولنىڭ خىتاي بىلەن ياۋرو-ئاسىيانى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، ھەممىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش ئاساسىدىكى «يىپەك يولى روھى» نى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇيغۇر رايونىدا «ساقچى دۆلىتى» نى كېڭەيتىش، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ رادىكاللىشىشىنى پەيدا قىلماقتىكەن. مايكېل كلارىك، بۇ سىياسەت كەلگۈسىدە بۇ يولنى «جىھاتچىلارنىڭ قانىلىغا ئايلاندۇرۇپ قويامدۇ»، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. ئۇلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى قاتتىق قول سىياسىتى نەتىجىسىنىڭ ئۇنىڭ 'بىر بەلۋاغ، بىر يول' پىلانىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.

ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىخەتەرلىك مەسىلىسى، دەپ مۇئامىلە قىلىشى ئۇنىڭ بىر «بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا تېخىمۇ زىيانلىقكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئىقتىسادى، سىياسىي رىقابەتلىرىدە ئۆز ئارا توقۇنۇشلارنىڭ بولۇپ تۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مەيلى ئۇ تېخىمۇ كۆپ بايلىق، تەسىر دائىرە، تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق، تېخىمۇ زور ئىمتىياز ياكى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت تالىشىش توقۇنۇشى بولسۇن، تۈپ مەسىلە بۇ توقۇنۇشلارنى قانداق ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارا ھەل قىلىشتۇر. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ رىقابەتنى باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەل قىلىش مۇمكىن. بىراق (خىتاي ھۆكۈمىتى) بارلىق بۇ مەسىلىلەرنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى، دەپ قاراپ، (شىنجاڭ) مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بۇ ئۇنى مەسىلىنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى خالىمايلا قالماي، ھەربىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىم، دەپ ئويلايدۇ».

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بىلەن خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە سۈرەتلەپ كۆرسىتىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» مەنزىرىسى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ خەلقئاراغا تەسۋىرلەۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› بىلەن بۇ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› نىڭكى باشلىنىشى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەلىي ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بۇنىڭ ئەكسىچە. مۇنداق ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يولىنىڭكى تۈگۈنى. بۇ يەردىكى ئەمەلىيەت بىلەن بۇ يول بويىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، پاكىستانلارغا سۈرەتلەپ بېرىۋاتقان مەنزىرە ئىككىسى بىر-بىرىگە زىت. ئاۋۇ مەنزىرە بىلەن بۇ يەرنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس».

مايكېل كلارىك «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق «بىر بەلۋاغ بىر يول»پىلانىدىن كېيىن، مۇقىملىق ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك باش ۋەزىپىسىگە ئايلانغان.

مايكېل كلارىك ماقالىسىدە، شۇڭا، خىتاينىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك كونتروللۇقىنى يېڭى مېتودلار بىلەن كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ نازارىتىنى سىكاينېت ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى، ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلاش ئەسۋابلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دنا ئەۋرىشكىسى يىغىش، بىئولوگىيىلىك ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كېڭەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن، ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى روھى»غا خىلاپ بۇ خىل قاتتىق قول تەدبىرلەر ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئۇ: ئەگەر خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول»نىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىسا، ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بىر ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ھەسەن: «خىتاي شۇ يەردىكى خەلقلەر بىلەن پەقەت ئىلمىي، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، شۇلار بىلەن سۆھبەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەرقانداق نەرسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۇ يەرگە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ. زوراۋانلىق بىلەن ھېچقانداق يەردە مۇقىملىق ئەمەلىيلىشىپ باققىنى يوق. بۇ يەردە خىتايغا بۇنداق پۇرسەت بارمۇ، دېگەندە بار. ئۇيغۇرلار بىلەن ئولتۇرۇپ، سېنىڭ ئويۇڭ نېمە، بىز ئاڭلاپ باقايلى، قانچىلىكىنى رازى قىلالايمىز، قايسى يەرلەردە رازى قىلالمايمىز، بۇنىڭغا باشقا چىقىش يولى بارمۇ، دېگەن مۇشۇنداق سۆھبەت ئارقىلىق. ئەگەر خىتاي مەنتەقە بىلەن ئىش تۇتىدىغان بولسا، بۇنى بىلىشى كېرەك، ئىشلىتىشى كېرەك».

مايكېل كلارىك يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىكى مەركىزى رولىنى رايوننىڭ مۇقىملىقىدىكى نېگىزلىك توسقۇنلۇق، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قارىشى ھازىرقى دىنىي ئېتىقادنى سىستېمىلىق كونترول قىلىش، ئىمام ۋە دىنىي ئورگانلارغا يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، «بىنورمال» دىنىي خاھىشلارنى تېپىش چىقىش، ساقال بۇرۇت ۋە ھىجاپ قاتارلىقلارنى چەكلەشكە ئېلىپ بارغان.

مايكېل كلارىك يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىب ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەكلەپ، ئۇلاردا رادىكاللىشىش ئېھتىمالىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ئىچكى سىياسىتى ۋە شۇنداقلا سۈرىيە ھەم ئىراقتىكى كرىزىسى ئۇيغۇر قوراللىقلارنىڭ جىھادچى گۇرۇپپىلارغا قوشۇلۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

مايكېل كلارىك ئاخىرىدا، «شۇ سەۋەبلىك بىر بەلۋاغ بىر يول ياۋرو-ئاسىيا قاتنىشى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدا مۇقىملىقنى قوغدىشىدا قوش بىسلىق شەمشەر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.