دولقۇن ئەيسا: خىتاي ئۆزىنىڭ ئىتالىيەدىكى ھىمايىچىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى قارىلاۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.12.09
dolqun-eysa-mukapat.jpg «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قېشىدىكى كاپىتول خىل سارىيىدا دولقۇن ئەيساغا 2016-يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» تەقدىم قىلدى. 2016-يىلى 30-مارت، ۋاشىنگتون.
RFA/Qutlan

4-نويابىر ئىتالىيەدىكى مودېرن دىپلوماتسىي تور بېتىدە، ئىتالىيەلىك مۇتەخەسسىس گىئانكارلو ئېللىئا ۋالورىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر «ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر» ناملىق چاتما ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور بەزى بىر ئاساسسىز پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، كۈندىن-كۈنگە خەلقئارالىشىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قارىلىغان.

ماقالىدە ئاپتور، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە «جىھاد ھەرىكىتى» دەپ باھا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن خىتايغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ شۇنداقلا ئاپتور دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ 2009-يىلى كورېيەگە يىغىنغا بارغاندا كورېيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ 2016-يىلى ھىندىستانغا كىرىشىگە ۋىزا بېرىلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ماقالىدە ئاپتور، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان ۋە سۈرىيەدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، بۇ يىل 30-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا مەزكۇر ماقالىنى تەنقىدلەپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىتالىيەدىكى ھىمايىچىلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قارىلاشقا باشلىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ماقالىگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىتالىيەدىكى مودېرن دىپلوماتسىي تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ماقالىگە قارىتا دۇنيا قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن رەددىيە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2-دېكابىر كۈنى ئىتالىيەلىك مۇتەخەسسىس گىئانكارلو ئېللىئا ۋالورى مەزكۇر تور بېتىدە يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككىنچى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ماقالىسىدە ئۇنى رەسمىي قارىلاشقا باشلىغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، دولقۇن ئەيسانىڭ يېقىندا فىرانسىيەنىڭ مەركىزى پارىژدا ۋە ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھەرلىرىدە بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان دولقۇن ئەيسا بۇلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا مەزكۇر ماقالە ئاپتورىنىڭ خىتاينىڭ ئىتالىيەدىكى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش پەخرىي رەئىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى بۇيرۇتما ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشىنى خىتايدىن ئېلىۋاتقان ماددىي مەنپەئەتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئاخىرىدا، مەزكۇر ماقالە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن، ماقالە ئاپتورىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دولقۇن ئەيسا 2016-يىللىق ئامېرىكىنىڭ «ترومان رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قارىلايدىغان بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى كۆپەيتكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.