چەتئەللىك زاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.11.23
Marino-Busdachin.jpg 6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 10-نويابىر، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار بىلەن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا شەرەپ مېھمانلىرى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك زاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى سۆزىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «د ئۇ ق نىڭ دولقۇن ئەيساغا ئوخشايدىغان ناھايىتى جۇشقۇن، جەڭگىۋار خادىملىرى بىلەن بۇ يىغىندا بىرگە بولالىغانلىقىمدىن ناھايىتى مەمنۇنمەن. ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھەق-ھوقۇق كۈرىشى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بەرگەن ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلارنىڭ ئىجرا ھەققىگىمۇ ئېرىشەلمىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، باراۋەرلىكى، ھەق-ھوقۇقى يولىدىكى كۈرىشىدىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىدى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا جەنۋەدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە سەپسەتىسى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى پەردازلايدىغان ياكى يوشۇرىدىغان بىر قۇۋلۇقتىن ئىبارەت بولدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە، دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرىغا، تەشۋىقات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەسلى مەنىسىنى پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىپ چىقىپ، خىتايچە بىر كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى دۇنياغا تېڭىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەسلى مەنىسىنى بۇرمىلاپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا يەر ئالغان سۆز، مەتبۇئات، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئورنىغا قورساق تويغۇزۇش، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەسسىتىش ئارقىلىق، ئۆزى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئىدېئولوگىيەنى بازارغا سالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىدېئولوگىيە غەرب قىممەت قارىشى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەنپەئەت قورالى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ تۇغما ھەققىدۇر.»

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لۇئىزا خانىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ يىغىن يەنە دۇنيادا مۇستەبىت دۆلەتلەر، زوراۋان ھاكىمىيەتلەر كۈچلىنىۋاتقان، دېموكراتىيىگە قارشى ھۇجۇم كۈچىيىۋاتقان، دېموكراتىيە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى باشقا دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ب د ت، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا قەدەر تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بەلكى بۇ تەسىرنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى كۈرەش يالغۇز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇزغا قارشى كۈرەشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز دۆلەتلەر ھاكىمىيىتىنىلا ئەمەس، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە مەتبۇئات ساھەسىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن يۈز مىليونلارچە دوللار پۇل سەرپ قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى باشقا دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنى، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئورگانلارنى، تەشۋىقات ساھەسىنى ھەتتا ب د ت غا ئوخشاش ئورۇنلارنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ئۆز كۈنلۈكى ئاستىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، د ئۇ ق ۋە دۇنيا نېمە قىلىشى كېرەك؟ سۈكۈت قىلماسلىق، چارە-تەدبىر تېپىش ۋە ئۈنۈملۈك رەۋىشتە كۈرەش قىلىش كېرەك.»

ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لۇئىزا خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىپ كەلدى. ئەمدى باشقا بىر شەكىلدىكى كۈرەشكىمۇ بەل باغلىشى لازىم. بۇرۇنقىدەك باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش، باشقىلارغا دەردىنى ئاڭلىتىش، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان باشقا تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى لازىم. مەن بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەردىن، د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەئىسىگە خەلقئارادىكى دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان تەشكىلاتلارنى قوللاش، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ باياناتلار ئېلان قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا سالاھىيەت بېرىشىنى سورايمەن. د ئۇ ق نىڭ باشقا تەشكىلاتلارغا ھېسداشلىق قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە ھەسسە قوشۇشى ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپلا قالماستىن، د ئۇ ق نىڭ نوپۇزىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سىلەرنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرگە قىلغان ياردىمىڭلار، ئاقىۋەتتە سىلەرنى تېخىمۇ زور ياردەم ۋە قوللاشقا ئېرىشتۈرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي جەھەتتىن بۇ قەدەر كۈچلىنىۋاتقان بىر زاماندا، بىزنى يەنە ئۈمىدلەندۈرىۋاتقان نەرسە نېمە؟ بىزنى ئۈمىدلەندۈرىۋاتقان نەرسە - خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقى ئالدىدا ئېتىبارىنىڭ قالمىغانلىقىدۇر، ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدۇر. بۇ بىزنىڭ كېلەچەكتىكى غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. بۇ ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىدە يوق نەرسە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىدا بار. بۇنىڭ بىرى، ئىنسانىي تۇيغۇ، يەنە بىرى كىشىلىك ھەق-ھوقۇق قارىشى. خىتاي بۇلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرى يۈكسىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى ئامىل كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى غەلىبە بىلەن تەمىنلەيدىغان كۈچتۇر.»

د ئۇ ق نىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى تۇبتېن ۋاڭچېن ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «مەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بۇ يەردە بىرگە بولالىغانلىقىمدىن كۆپ خۇرسەن بولماقتىمەن. بىز بۇ يەردە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر ئارىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق- ھوقۇق يولىدىكى كۈرەشلىرى داۋام قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن زامان بولدى. ئەمما ھەقلىرىمىزگە ئېرىشەلمىدۇق. خىتاي ھاكىمىيىتى بارغانسېرى كۈچلىنىپ، دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارساق، شۇ يەردە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. خى جىنپىڭ تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقى بىردەك ‹ئۈستىمىزدىكى زۇلۇم ئاز-تولا يېنىكلەپ قالارمىكىن، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىمىزغا ئېرىشەلەيمىزمىكىن› دېگەندەك ئۈمىدلەردە بولۇشقان ئىدى. ئىش دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. شى جىنپىڭ دەۋرىدە زۇلۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىپ، يەنە 5 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن بېسىمنى يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلىتىپ، ۋەھشىيلىكتە ماۋ زېدوڭدىن ئېشىپ چۈشتى. تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. خەۋىرىڭلاردا بولغىنىدەك، ھازىرغا قەدەر 150 تىن ئارتۇق تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ جېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق تىبەت خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي تەۋرەپ قويمىدى. دۇنيادىنمۇ يېتەرلىك ئىنكاس چىقمىدى. شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئوخشاشلا ھەرخىل شەكىلدىكى كۈرەشلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. لېكىن كۆرۈنەرلىك نەتىجە يوق. بىراق بۇنىڭ بىلەنلا ئۈمىدىمىزنى ئۈزسەك بولمايدۇ. تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوستلۇقى بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى چوقۇم مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز مىللەتلىرىنىڭ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەسسە قېتىشى كېرەك. بىزنىڭ كۈرەشلىرىمىز ھەققانىي بىر كۈرەش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاخىرى غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر چوقۇم ئۆز زېمىنىغا ئۆزى خوجا بولىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.