رابىيە قادىر خانىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا تېخى ئىلتىماس سۇنمىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-01-25
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تەيۋەن «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى مېيكى چياڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. 2016-يىلى 25-ماي، ياپونىيە.
تەيۋەن «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى مېيكى چياڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. 2016-يىلى 25-ماي، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قوللىشىدا ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغان سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش-قىلماسلىقى مەسىلىسىدە زور سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى تەستىقلىسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغاش، تەستىقلىمىسا تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراشتەك دېلىغۇل ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىمنى بۇ قېتىم زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان سىياسىي پارتىيە‏-«تەيۋەن بىرلىكى ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسى ليۇ يىدې سەيشەنبە كۈنى سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشكە چاقىرىپ، «خىتاي خالىمايدىغان كىشىلەرنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىش خىتاينىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيە» دېگەن.

بىز چارشەنبە كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى سوراپ، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ۋەكىللىك ئورنى‏-تەيبېي ئىقتىسادىي-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن باشقارمىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى سوئاللىرىمىزغا تېلېفوندا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سىز بايا بىزنىڭ بىر خىزمەتدىشىمىزغا تېلېفون قىلىپتىكەنسىز. رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئىلتىماسىنى سوراپ. مۇمكىن بولسا سىز بىزگە ئاددىي قىلىپ بىر ئېلخەت ئەۋەتەمسىز، زىيارەت قىلىشنى سوراپ. بىز شۇنىڭغا قاراپ ئىچكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بىز مۇمكىن بار سىزگە تېز جاۋاب قايتۇرساق.

بىز ئەمەلداردىن بەزى سوئاللارنى ئىچكىرىلەپ سورىغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ «مەن سىزنىڭ رەسمىي زىيارەت ئىلتىماسىڭىزنى تاپشۇرۇۋالماي تۇرۇپ، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەس» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا ئېلخەت سېلىپ، زىيارەت قىلىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رەسمىي پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى سوراپ بەزى سوئاللارنى يوللىغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار بىزگە ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى.

تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى ياكى كوممۇنىزمغا قارشى سىياسىي-ئاممىۋى گۇرۇھلار ئىلگىرى رابىيە قادىرنى كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلغان. ئەمما تەيۋەننىڭ سابىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن 2016‏-يىلى تەيۋەندە ۋەزىيەت ئۆزگەردى. تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەتكە ئولتۇردى. مۇستەقىلچىلەر بۇنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت، دەپ قاراپ كەلگەن.
تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى لىن خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تەيۋەن خەلقى ئۇنىڭ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ»دېدى.

لىن خانىم : ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. راستىنى ئېيتقاندا ئۆتكەن 9 يىلدىن بېرى مەن ۋە مېنىڭ ئېرىم ئۇنىڭ كېلىشىنى قوللاپ كەلدۇق. بىز شۇنچە يىلدىن بېرى ئۇنى زىيارەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلدۇق، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە: ئەگەر بۇ سىياسىي پارتىيە 3 ئايدا ئۇنىڭ كېلىشىگە ئىشەنچ قىلالىسا، بىز بۇنى ناھايىتى ئالقىشلايمىز. ناھايىتى قارشى ئالىمىز. بىز ئۇنى پۈتۈن تەيۋەن خەلقى ناھايىتى قارشى ئالىمىز، دېدى.

ئەمما تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتى كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كېلىش ئېھتىمال مەۋجۇت.

ئۇ، بۇ مەسىلىدە سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتى ناھايىتى مۈشكۈل تاللاشقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: تەيۋەن ئىقتىسادى ۋە تىجارەت جەھەتتە خىتاينىڭ بازىرىغا باغلىنىپ قالغان. مىسالغا ئەڭ ئاددىيسى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا بىر جېدەل چىقسا، مۇشۇ ساياھەتچىلەرنى ئەۋەتمەيمەن، دېسىلا، تەيۋەننىڭ ساياھەت شىركەتلىرى ياكى بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قاقشايدۇ. تەيۋەن شۇنداق بىر تەس كۈندىكى، خىتاينىمۇ رەنجىتمەيدىغان، ئۆزىنىڭمۇ مەنپەئەتىنى قوغداپ قالىدىغان، مىسالغا ھازىرقى ئۇرۇشمايمىز، سوقۇشمايمىز، بىرلەشمەيمىز، دېگەن مۇشۇ سىياسەتنى داۋاملىق قوغداپ قېلىشى شۇنچىلىك قىيىن. يەنى قىيىنچىلىقنىڭ نازۇك يېرىدە كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا دالاي لامانى، رابىيە قادىر خانىمنى ياكى باشقىلارنى تەيۋەنگە دەۋەت قىلىشى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى تەس ئەھۋالغا قويىدۇ.

لېكىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە يېقىنلىشىشى ئىستراتېگىيەلىك ئەمەس، تاكتىكىلىق چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى، بولمىسا بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىق يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ تەھدىت سېلىشى، خەتەر پەيدا قىلىشى تەيۋەنلىكلەرنىڭ تەبىئىي ھالدا مۇشۇ تىبەت، ئۇيغۇر مانجۇ، دەمدۇ، بۇ مانجۇلارمۇ مۇشۇ توردا تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت قۇرۇپ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. يەنى ئەمەلىيەتتە يوق، ئەمما ئىنتېرنېتتا قىلىۋاتىدۇ. ‏)تەيۋەننىڭ( مەقسىتى مۇشۇلاردىن پايدىلىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش. بىراق ئىستراتېگىيەلىك بىر چۈشەنچە ئەمەس، بۇ بىر تاكتىكىلىق چۈشەنچە. تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ دۇنياغا بولغان قارىشى ئاجىز. قانداق دىپلوماتىيە،ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى تېخى نەزەرىيە جەھەتتىن پىشۇرمىغان. ئۇلار ئەمىلى ھەرىكەتتە بار، ئەمما بۇ ئەمىلى ھەرىكىتى ۋاقىتلىق نەرسە.

تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى چارشەنبە كۈنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە ئىنكاس بىلدۈرگەن. «جۇڭگو پوچتا گېزىتى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر كومىتېت ئەگەر چېگرا سىرتىدىكى زاتلار تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، بۇ خىل ئىلتىماسلارنىڭ تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە قاراپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما مەلۇماتلارغا قارىغاندا رابىيە قادىر خانىم ھازىرغا قەدەر تەيۋەن دائىرىلىرىگە ۋىزا ئىلتىماسى سۇنۇپ باقمىغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت